باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>ئەنئەنە>>يېمەك–ئىچمەك
ساڭزا
2007- 12- 29 14:23 تەڭرىتاغ تورى

      ساڭزا ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت-ئايەم، توي-تۆكۈنلەردە كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىكلىرىنىڭ بىرى.

سېلىش ئۇسۇلى:

      ئالدى بىلەن پىيازنى نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، كاۋاۋىچىن بىلەن قۇشۇپ قاينىتىپ، پىياز بىلەن كاۋاۋىچىننىڭ سۈيى ئوبدان چىقىپ بولغاندا، پىياز بىلەن كاۋاۋىچىننى سۈزۈپ ئېلىۋېلىپ، سۈيىنى سۇۋۇتىمىز. ئازراق ياغ داغلاپ ئۇنىمۇ سۈۋۇتىمىز. سۇۋۇتۇلغان كاۋاۋىچىن سۈيىگە تۇز بىلەن ئۇن ھەم تەييارلىغان ياغنى قۇيۇپ قاتتىقراق قىلىپ خېمىر يۇغۇرىمىز. (توخۇم چىقىۋەتسىڭىز  تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ). خېمىرنى ياخشى چەيلەپ پۇشۇرۇپ 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن زۇۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، ئازراق ياغلاپ ئۈستى-ئۈستىلەپ تېزىپ 15-20 مىنۇت تىندۇرىمىز.

     ئاندىن قازانغا ياغ قۇيۇپ تىنغان زۇۋۇلىنى ئىنچىكە ئىشىپ چوكىغا ئېلىپ قىزىتىلغان ياغدا پۇشۇرىمىز. بولسا پاكىزە يۇلغۇندىن تاياقچە ياساپ پۇشۇرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

 

( مۇھەررىر : uyghur )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ