باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>ئەنئەنە>>يېمەك–ئىچمەك
نەشپۈت
2007- 10- 29 17:34 تەڭرىتاغ تورى

(تەڭرىتاغ تورى)

    نەشپۈت — ياۋروپا نەشپۈتى بىلەن جۇڭگو ئاق نەشپۈتىنىڭ تەبئىي شالغۇتلاشقان سورتى . دەسلەپكى مەزگىلدە كورلا ئەتراپىدا يېتىشتۈرۈلۈپ راۋاجلاندۇرۇلغان بولغاچقا ، كورلا نەشپۇتى دەپ ئاتىلىدۇ .XX ئەسىرنىڭ 50 –، 60 – يىللىرىدا نەشپۈت ئۆستۈرۈش كۆلىمى 1600 گېكتارغا يەتمەيتتى ، مەھسۇلاتى ئاران نەچچە يۈز توننا ئىدى . ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان ، نەشپۈت مەھسۇلاتى ۋە سۈپىتى زور ھەجىمدا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . 2000 – يىلغا كەلگەندە ، نەشپۈت كۆلىمى 33 مىڭ 900 گېكتارغا يەتتى . بۇنىڭ ئىچىدە يېتىلگەن نەشپۈت دەرىخىنىڭ كۆلىمى 13 مىڭ گېكتار ، بىرلىك مەھسۇلاتى 15 مىڭ كىلوگرام ، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 194 مىڭ 800 توننا . ھەر يىلى مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئېكىسپورت قىلىنىپ ، 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك تاشقى پىرېۋوت يارىتىلىۋاتىدۇ . نەشپۈت ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى ئاساسلىقى بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر قايسى شەھەر ، ناھىيە ۋە تۈەن مەيدانلارغا جايلاشقان . نەشپۈتنىڭ مېۋىسى چوڭ بولۇپ ، يەككە مېۋىسىنىڭ ئېغىرلىقى 90–180 گرام كېلىدۇ . پوستى نېپىز ، ئېتى سۇلۇق ، شىرنىلىق ، تەملىك ، پۇراقلىق ۋە تاتلىق .تەكىبىدە ئاقسىل ، ماي  ، كالتىسىي ، فوسفور ، تۆمۈر ، ۋە ھەر خىل فېرمېنىتلار ۋە ۋىتامىن B1 ، ۋىتامىن B2 ، ۋىتامىن C قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار مول . تىبابەتچىلىكتە ئۆپكىنى ياشارتىش ، يۈرەك ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش ، يۆتەلنى توختىتىپ بەلغەمنى بوشىتىش ، ئىسىقنى قايتۇرۇپ ، زەھەرنى تازىلاش قاتارلىق روللارغا ئىگە . 

قىزىرىپ پىشقان نەشپۈتلەر 

 ‹‹ شىنجاڭ ئېنسىكلوپېدىيىسى ›› دىن ئېلىندى

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ