باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>مەدەنىيەت ئىزنالىرى
بەدەل ئارت قەدىمكى تۇرى
2007- 09- 06 16:56 تەڭرىتاغ تورى

     بەدەل ئارت قەدىمكى تۇرى : تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سۇلۇ تۇرىنىڭ ئەسلى ئورنى . بۇ ئۈچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بەدەل داۋىنىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان . قەدىمكى تۇرنىڭ كەينىدە تەڭرىتاغ ، يېقىن ئەتراپىدا بەدەل دەرياسى بولۇپ ، يەر تۈزۈلۈشى بىر قەدەر ئېگىز ، كەڭ دائىرنى كۆرگىلى بولىدۇ . قەدىمكى تۇرنىڭ ئۇلى 10 × 13 مېتىر ، قالدۇق ئېگىزلىكى يەتتە مېتىردىن ئارتۇق كېلىدۇ . بۇ تۇرنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسى خاڭدالغان توپا بىلەن شېخىل قاتلىمىدىن ئىبارەت بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ياغاچ ۋە يۇلغۇن باستۇرۇلغان . خاڭدالغان قاتلامنىڭ قېلىنلىقى 12سانتىمېتىرغىچە كىلىدۇ . قەدىمكى تۇرنىڭ ئۈستىدە ياغاچ كۈمۈر كۈلى بار . بۇ تۇردىن بەش كىلومېتىر يىراقلىقتا يەنە بىر قەدىمىي تۇر بولۇپ ، ئۈستىدە بىر نەچچە تال ياغاچ تۈۋرۈك بار . بۇ تۇرلارنى بويلاپ داۋاملىق ئالدىغا ماڭغاندا ، بەدەل داۋىنىدىن ئاشقىلى بولىدۇ . قەدىمقى تۇرنىڭ يېقىن ئەتراپىدا قەدىمىي قەبرىستانلىق ۋە تۆگە ، ئات ، ئېشەكلەرنىڭ سۆڭەكلىرى بايقالدى . تۇرنىڭ شېخىل قاتلىمىدىكى ياغاچلارنىڭ يىلىنى كاربون 14ئارقىلىق ئۆلچەش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا ، ئۇلارنىڭ دەۋرى بۇنىڭدىن 1645 يىل بۇرۇن بولۇپ ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا توغرا كېلىدۇ . بەدەل داۋىنىدىكى قەدىمكى يول ،خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمالىدىن سۇياب دەرياسىغا بارىدىغان مۇھىم يول بولۇپ ، ‹‹يېڭى تاڭنامە . جۇغراپىيە تەزكىرىسى››دە خاتىرلەنگەن سۇلۇ تۇرى قەدىمكى يولى بىلەن ماس كېلىدۇ .

( مۇھەررىر : مامۇتجان )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ