باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>مەدەنىيەت ئىزنالىرى
دەندان ئۆيلۈك خارابىسى
2007- 09- 06 12:07 تەڭرىتاغ تورى

       دەندان ئۆيلۈك خارابىسى : تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى لايقى قورغىنىنىڭ ئەسلى ئورنى . چىرا ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىغا ، يەنى تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان بولۇپ ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 90 كىلومېتىر كېلىدۇ ، خارابىنى قۇم بېسىۋالغان . 1997– يىلدىكى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا ، بارخانلىق ئۈستىگە چىقىپ قالغان ئىزلار ،جەنۇبتىن شىمالغا ئوزۇنلىقى تەخمىنەن 12كىلومېتىر ، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى تەخمىنەن ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرە ئىچىگە تارقالغان . خارابىنىڭ سەل جەنۇبىدىكى تەخمىنەن ئىككى كۋادرات كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە ،قەدىمكى قۇرۇلۇش ئىزلىرىدىن توققۇزى بار . ياغاچ تۈۋرۈكلۈك قومۇش تاملىق تۇرالغۇ ئۆيلەر ،<<回>>  خېتى شەكىللىك بۇددا ئىبادەتخانىسى ، چىتلاق ، قۇرۇپ كەتكەن ئۈجمىلىك قاتارلىقلارنى ناھايىتى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولىدۇ . ئەنگىلىيىلىك سىتەيىن بۇ خارابىنى قېزىپ ، نۇرغۇن بۇددىزم تام رەسىملىرى ، ياغاچ تاختايغا سىزىلغان رەسىملەر ، خەنزۇچە ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسلار ھۆججەتلىرىدىن 15پارچە ، ئۇدۇن يېزىقىدىكى بۇددا نوملىرى قاتارلىقلارغا ئېرىشكەن . بۇ لايقى قورغانىنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇدۇن بەگلىكىنىڭ ئالتە شەھىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ، قورغان سانغۇنىنىڭ ياڭ جىنچىڭ ئىكەنلىكى ، ئالتە شەھەرنىڭ بېگى ‹‹ئاماچىۋىسا›› ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ . ياغاچ تاختايغا سىزىلغان رەسىملەردە يىپەكنىڭ ئۇدۇنغا تارقىلىپ كىرىشى ۋە چاشقان پادىشاھى توغرىسىدىكى رىۋايەت  تەسۋىرلەنگەن .

قەدىمىي شەھەر خارابىسى

دەندان ئۆيلۈك خارابىسىدىن تېپىلغان تام رەسىمى

 

( مۇھەررىر : مامۇتجان )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ