|
پىلاڭ قەدىمكى شەھىرى : بۇ يەرلىك ئاتىلىشى. ئۇ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەنشى باش قورۇقچى بەگ مەھكىمسىنىڭ ئەسلى ئورنى ھىساپلىنىدۇ .ئۇ كۇچا يىڭى شەھىرى بىلەن كونا شەھىرى ئارلىقىدا بۇلۇپ ، كۇچا دەرياسىنڭ تارماق ئېقىنى بولغان چىلساي دەرياسىنڭ شەرىقى قىرغىقىغا جايلاشقان ،شەھەر رايۇنىنىڭ دائىرسى چوڭ بۇلۇپ ،ئۇچا دەرياسى شەھەرنى كىېسىپ ئۆتىدۇ .ھازىرغىچە ساقلانغان جەنۇبى ،شىمالي ۋە شەرىقى ئۈچ تەرەپتىكى سېپىل قالدۇقىدىن قارىغاندا ،شەھەر سەل چاسا شەكىلدە .ئايلانما ئۇزۇنلىقى 7100مېتىر بۇلۇپ ، شىنجاڭدا ھازىر ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى شىەھەرلەر ئىچىدە كۈلىمى ئەڭ چوڭ ھىسابلىنىدۇ .

شەھەر سېپىلى خاڭداپ ياسالغان بۇلۇپ ،قالدۇق ئېگىزلىكى 2~7.6مېتىر ،كەڭلىكى 8~16مېتىر كېلىدۇ .قەدىمكى شەھەرگە ھازىر ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرى چۇشۈپ كەتكەچكە ،ئىزلارنىڭ كۈپى ساقلىنىپ قالالمىغان بۇلۇپ ، پەقەت ئالتە ئورۇندا چوڭ تىپتىكى خاڭداپ ياسالغان سۇپا ئۇلىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ .شەھەرنىڭ سىرتىدىمۇ بەش ئورۇندا چوڭ تىپتىكى خاڭداپ ياسالغان سۇپا ئۇلى بار .بۇ سۇپا ئۇللىرىدىن توپا قېزىش جەريانىدا ،يۇمىلاق ۋە چاسا شەكىللك تاش تۇۋرۈك ئۇلى .نېلۇپەر بەرگى نۇسخىلىق يەرگە ياتقۇزىلىدىغان خىش ،نېلۇپەر نۇسخىلىق كاھىش ،نوكەش كاھىش ،تاختا كاھىش ،چوڭ ساپال ئىدىش ،پۇل قاچىلانغان ساپال كومزەك قاتارلىقلار تېپىلغان .تۈۋرۇك ئۇلى ،خىش ،كاھىشلارنىڭ شەكلى ۋە نەقىشلىرىنىڭ ئۇسلۇبى تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەندىكى دامىڭ قەسىرى خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان خىش ۋە كاھىشلارنىڭ شەكلى ۋە نەقىشلىرىنىڭكىگە ئوخشايدۇ . بۇ شەھەرنىڭ يەر ئاستىدىن تاڭ سۇلاسى دەۋرىگە تەۋە كۈل ئازگىلى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ . يىغىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ساپال بۇيۇم ، مىس ۋە تۆمۈردىن ياسالغان ھەربىي قوراللار ۋە نۇرغۇن كەييۈەن تۇڭباۋ يارمىقى ،جيەنجۇڭ تۇڭباۋ يارمىقى ، دالى يۈەنباۋ يارمىقى قاتارلىقلار بار . جۇڭگولۇڭ ئارخېئولوگ خۇاڭ ۋېنبى 1928– يىلى ۋە 1957—1958يىللىرى بۇ جاينى ئىككى قېتىم تەكشۇرگەن ھەمدە قارا دۆڭنى قازغان . مەزكۇر قەدىمىي شەھەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە تەۋە مەدەنىيەت قاتلىمى تاڭ سۇلسلىسى دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ . تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ‹‹ئومۇمىي قامۇس .چېگرا مۇداپىئە ئىشلىرى››دا :‹‹ھازىر ئەنشى قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسى تۇرىۋاتقىنى دەل كۈسەن شەھىرىدۇر››دەپ خاتىرلەنگەن بولۇپ ، بۇ قەدىمكى شەھەر خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى كۈسەن بەگىلىكىنىڭ مەركىزى يىلولۇ شەھىرىنىڭ ئورنى ھېسابلىنىدۇ.قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بۇ تارىخى مەدەنىيەتنىڭ ئارقا كۆرۇنىشىگە پۈتۈنلەي ماس كېلىدۇ . ھازىر بۇ قەدىمكى شەھەر مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى ھېسابلىنىدۇ .
|