باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>مەدەنىيەت ئىزنالىرى
ئۇلانباي قەدىمكى شەھىرى 
2007- 09- 05 17:40 تەڭرىتاغ تورى

      ئۇلانباي قەدىمكى شەھىرى: تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە شەھەر خارابىسى. ئۈرۈمچى ناھىيىسى داۋان يېزىسى ئۇلانباي كەنتىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بۇلۇپ،تەكشى يۈزى سەل چاسراق كەلگەن ،جەنۇبى سېىپىلنىڭ ساقلىنىشى بىر قەدەر ياخشى . 

     شەھەر سېپىلى خاڭداپ ياسالغان بۇلۇپ ،قالدۇق ئېگىزلىكى ئىككى — يەتتە مېتىر ،ئۇلىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن ئون مېتىر ،ئۈستىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن ئۈچ مېتىر كىلىدۇ .سېپىلنىڭ سىرتىدا يۆلەك تاملار ،تۆت بۇرجىكىدە راۋاق بار . شەھەر ئىچىدە ئۈچ سېپىل بۇلۇپ ، شەھەر ئىچىنى شەرىقىي شىمال ،غەرىبىي شىمال  ۋە جەنۇبى قىسمىدىن ئىبارەت ئۈچ رايۇنغا بۆلگەن ،ئۇلار ئايرىم –ئايرىم ھالدا چاسا ۋە ئۇزۇنچاق چاسا شەكىلدە .شەھەرنىڭ شەرىق ، جەنۇب ۋە شىمال تەرەپلىرىدىن قۇۋۇق ئېچىلغان بولۇپ ،ھەر بىرىنىڭ قۇۋۇق قەلئەسى بار.

 بۇ شەھەر خارابسىدىن تاش قۇرال ، تۆمۈر قۇراللار ؛ قىزىل ، كۈل رەڭلىك ، قارا رەڭلىك كومزەك ، ئىۋرىق، لوڭقا ، داس ، كۈپ قاتارلىق ساپال قاچىلار قېزىۋېلىندى . بەزى قاچىلارنڭ ئۈستىگە سۇس ئەگرى ۋە دولقۇنسىمان سىزىقلىق نەقىشلەر ئويۇلغان .

    ئۇلانباي قەدىمكى شەھرىدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرى ۋە سۇڭ ، يۈەن سىۇلالىسى دەۋىرلىرىنڭ ئۇسلۇبلىرىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ .بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ جاينى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇرۇمتاي ناھىيىسىنىڭ ئەسلى ئورنى دەپ قارىغان . بىراق بۇ ئىنىق دەلىللەنگىنى يوق . 

 

 

( مۇھەررىر : مامۇتجان )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ