باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>ئەنئەنە>>كىيىم–كېچەك
بەقەسەم تون
2007- 06- 04 18:28 تەڭرىتاغ تورى

       بەقەسەم تون—  قىزىل ،سېرىق يوللۇق قىلىپ توقۇلغان يوللۇق بەقەسەمدىن داكا بىلەن ئەستەرلىنىپ ،شىرىق قىلىپ قولدا تىكىلىدىغان بولۇپ ،قېتىغا قەغەزدەك قېلىنلىقتا بىلىنگۈسىز دەرىجىدە پاختا ئېلىنىپ ،1سانتىمېتىر كەڭلىكتە شىرىق قىلىپ تىكىلىدۇ  .چاپاننىڭ بىلى تار ،ئېتىكى كەڭ ،يېڭى بولسا تار ۋە ئۇزۇن ،چاپاننىڭ بويى 1.20 مېتىر ،بەل 1.34 مېتىر ،ئېتەكنىڭ كەڭلىكى 2.60 مېتىر ،يەڭ 85 سانتىمېتىر ،يەڭ ئاغزى 10 سانتىمېتىر كېلىدۇ .ئۇنىڭغا تونچە ياقا سېلىنغان بولۇپ ،ئوڭ تەرىپى قىسقا ،كۆكرەككە كېلىدۇ،سول پەش ئۇزۇن ،قولتۇققا يېتىدۇ .قولتۇق ئاستى ۋە يېقىن تەرەپكە بوغقۇچ بېكىتىلگەن .1976–يىلى ھازىرقى ئاۋات  ناھىيىسىگە تەۋە تال قۇدۇق خارابىلىقىدىن قېزىۋېلىنغان .ۋاقتى 16–17–ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

بۇ بەقسەم تون ، 1976–يىلى ھازىرقى ئاۋات  ناھىيىسىگە تەۋە تال قۇدۇق خارابىلىقىدىن قېزىۋېلىنغان .ۋاقتى 16–17–ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

               شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مىللەتلەر فولكلور مۇزېي تەمىنلىگەن  

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ