باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>ئەنئەنە>>كىيىم–كېچەك
كۇلتا
2007- 06- 04 17:43 تەڭرىتاغ تورى

      

 ‹‹كۇلتا›› — تاجىكچە سۆز بولۇپ،تاجىك ئايال –قىزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىمى .ئۇ ئۆزىنىنىڭ نەپىس ،رەڭدار ،كۆركەم ۋە جىلۋىدارلىقى بىلەن تارىختىن بۇيان ئەل ئارىسىدا تاجىك ئايال –قىزلىرىنىڭ سىموۋولى بولۇپ كەلمەكتە .

      كۇلتا قۇرۇلما جەھەتتە تۆت بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ .ئۇنىڭ خام ماتېرىيالى ئاق رەخت ،ھەرخىل رەڭلىك يىپەك ياكى مەشۇت يىپ ،پاختا ۋە ئەستەرلىك رەختلەردىن ئىبارەت بولۇپ ،كەشتە يىڭنىسى بىلەن  كەشتىلەپ تىكىلىدۇ.

      تاجىكچە كۇلتا روشەن ياش پەرقى ،خۇشاللىق ۋە ھازىلىق پەرقى ،نىكاھلانمىغانلىق پەرقى ،پەسىل پەرقى ۋە سورۇن پەرقى خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.كۇلتىنىڭ نەقىشى ۋە رەڭگىدىن كىيگۈچىنىڭ ياش قۇرامىنى ،شادلىق –خاپىلىقىنى ،توي قىلغان –قىلمىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.مۇشۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ،تاجىكچە كۇلتىنىڭ رەڭگارەڭ شەكىل نۇسخىلىرى بارلىققا كەلگەن .بىر قەدەر ئومۇملاشقان كۇلتا تۇرلىرىدىن ‹‹شەيدايى كۇلتا››، ‹‹چەكەن كۇلتا›› ۋە ‹‹سىدام كۇلتا›› بار .

       كۇلتا تاجىكلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم –كېچەك مەدەنىيىتىدە ناھايىتى گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ.ئۇ ئەمەلىي ئىشلىتىلىش قىممىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن ،يەنە سەنئەت قىممىتىگىمۇ ئىگە.

              شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مىللەتلەر فولكلور مۇزېي تەمىنلىگەن  

 

 

 

 

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ