باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>سەنئەت>>چالغۇ–ئەسۋابلار
ساپايە
2007- 06- 01 17:20 تەڭرىتاغ تورى

       ساپايە—  قەدىمكى زامان سوقما چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بىرى .ئۇ ئاساسەن ئۆرۈك ،ياڭاق ۋە ئۈجمە ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ .يەنە بەزىلىرى كىيىك مۈڭگۈزىدىنمۇ ياسىلىدۇ .ئادەتتە ئۇ ئىككى تال دۈگىلەك ،قىسقا ياغاچ ساپنى بىر–بىرىگە جۈپلەپ ،ئۈستىگىرەك ئىككى تال چوڭ تۆمۇر ھالقا بېكىتىلىپ ياسىلىدۇ .ھەر بىر تۆمۇر ھالقىغا ئون نەچچە تالدىن ئۇششاق تۆمۇر ھالقىلار ئۆتكۈزۈلگەن بولىدۇ .ساپايىنى تىك كۆتۈرگەندە كىچىل تۆمۇر ھالقىلارنىڭ ياغاچ ساپقا تېگىشىش ئورنىغا ئاۋازى جاراڭلىق چىقىش ئۈچۈن قەلەي بېكىتىلىدۇ .قولنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق ياغاچ ساپ يوقىرى –تۆۋەنگە ھەرىكەتلەندۈرلۈپ ،تۆمۈر ھالقىلار ياغاچنىڭ سېپىغا بىر خىل ئۇداردا ئۈزلۈكسىز تەگكۈزۈلىدۇ .نەتىجىدە ،بىر خىل رىتىمىلىق شالدۇر –شۇلدۇر ئاۋاز پەيدا بولۇپ ،مۇزىكا رىتىمىگە ئالاھىدە بىر خىل تۈس قوشۇلىدۇ .ساپايە دەستىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 46 سانتىمېتىر ،چوڭ ھالقىنىڭ دىئامېتىرى توققۇز سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ .چىلىش جەريانىدا ساپايىنىڭ يۇقىرى ئۇچى ۋە تۆۋەنكى ئۇچىنى ئۇدارغا كەلتۈرۈپ ھەربىر سىلكىگەندە ئوڭ مۈرە ،قول ۋە باشقا جايلارغا يېنىك تەگكۈزۈپ قويۇلىدۇ .

( مۇھەررىر : مامۇتجان )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ