|

داپ — ئۇيغۇر ئوركېستىرىدىكى ئىنتايىن مۇھىم چالغۇ بولۇپ ،ئادەتتە چالغۇ ئەسۋابلار ئىچىدە يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ئوينايدۇ .ئۇ قەدىمكى سوقما چالغۇلىرىنىڭ تەرىققىي قىلغان بىر خىل تۈرى .ئاۋازى جۇشقۇن،ئۆزى يەڭگىل ،ئىشلىتىشكە ئەپچىل بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە .ئۇ قول ئالقىنى ۋە بارماقلىرى بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدىغان چالغۇدۇر .
داپنىڭ گەردىشى ئاساسەن ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ .يۈزلۈكىگە ئات ،ئۆچكە تېرىسى كېرىلىدۇ ،گەردىشى ئىچىگە نۇرغۇنلىغان ئۇششاق تۆمۇر ھالقىلار ئېسىلغان بولۇپ ،ئۇلار داپ ئۇرۇلغاندا شىلدىرلىغان قوشۇمچە ئاۋازلارنى چىقىرىپ بېرىدۇ .داپنىڭ تۈرلىرى چوڭ –كىچىك ھەر خىل بولۇپ ،ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئورۇنلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ .چوڭ داپنىڭ دىئامېتىرى ئادەتتە 42 سانتىمېتىر ،گەردىشىنىڭ كەڭلىكى 5.5 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ .
|