باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>سەنئەت>>چالغۇ–ئەسۋابلار
قالۇن
2007- 06- 01 15:59 تەڭرىتاغ تورى

       قالۇن — قەدىمقى چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ بىرى ،ئۇ ئادەتتە ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ ،ئەكس سادا ساندۇقى پەلەمپەي شەكلىدە بولۇپ ،ئالدى تارراق ،كەينى كەڭرەك ،سول تەرىپى ئەگرى ،ئوڭ تەرىپى تۈز بولىدۇ .ئۇ ئاساسەن جاھازىغا ياكى يەرگە تۇز ياتقۇزۇلۇپ ،ئوڭ قولىنىڭ باش كۆرسەتكۈچ ۋە ئوتتۇرا بارماقلىرى بىلەن تارىسىنى ئىلىپ ،سول قولدا باسقۇچ ئارقىلىق تارىسىنى بېسىش ۋە سىيرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق چېلىنىدۇ .ئۇنىڭ ئاۋازى يېقىملىق ۋە تىيىلىما ئاھاڭلارغا باي بولۇپ ،بىر خىل پەۋقۇلئاددە تەۋرىنىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە .

       قالۇننىڭ 16،18 ۋە 24 تارىلىق شەكىللىرى بار ،ھەر بىر تارىسى جۈپ سىم قىلىنىپ ،بىر تەبىئىي ئاھاڭغا تەڭشىلىدۇ ۋە تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ  تەبىئىي ئاۋاز باسقۇچلىرى رېتى بويىچە تىزىلغان .ئۇ دولان مۇقاملىرىنىڭ مۇھىم تەڭكەش قىلغۇچى  چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بىرى .

( مۇھەررىر : مامۇتجان )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ