|

دۇتار — ئۇيغۇر چالغۇلىرى ئىچىدە تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن ،خەلق ئارىسىغا ئەڭ كۆپ تارقالغان ئاممىباب چالغۇلارنىڭ بىرى .ئۇ ناخشا –مۇزىكىغا خۇمار خەلقىمىز ،يەنى ئەر –ئايال ،قېرى –ياشلارنىڭ ھەممىسى ئەتىۋارلايدىغان چالغۇ بولۇپ ،ئائىلىۋى تۇرمۇش شارائىتىدا خەلقىمىزنىڭ مۇزىكىلىق ھېسسىياتىنى يېتىلدۇرۇشتە رولى ئىنتايىن زور .
دۇتار ئۇزۇن دەستىلىك چالغۇ بولۇپ ،ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 130 سانتىمېتىر ،بېشى يوغان نەشپۈت شەكلىدە ،كۆپىنچە ئۈجمە ياغىچىنىڭ تالالىرىدىن چاپلىنىپ ياسىلىدۇ .يۈزلۈكى نېپىز ئۈجمە ياغىچى تاختىسىدىن ياسىلىدۇ .دەستىسىگە 15دانە پەدە باغلىنىدۇ .ئىككى تال ئۈچەي ياكى يىپەكتىن ئىشلەنگەن (بىرى زىل ،بىرى بوم )تار سېلىنىپ ،باش قىسمى ئوڭ پۇتنىڭ تىزى ئۈستىگە قويۇلۇپ ،يانتۇ تۇتۇلۇپ ،قول بارماقلىرى بىلەن بىۋاستە چېكىپ چېلىنىدۇ .ئاۋازى مۇڭلۇق ،ئۆزى چېلىپ ئۆزى ناخشا ئېيتىشقا قۇلايلىق .
|