باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>سەنئەت>>چالغۇ–ئەسۋابلار
راۋاب 
2007- 06- 01 15:22 تەڭرىتاغ تورى

       راۋاب — ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ كەڭ ئوموملاشقان ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى بىر خىل چالغۇ ئەسۋاپتۇر .ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە ،ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولغاچقا ،مەيلى سەھنىدە ياكى ئەمگەك ۋە ياكى سەپەرلەردە بولسۇن ،ئۇنى ئېلىپ يۈرۈپ خالىغانچە چالغىلى بولىدۇ .

      راۋاب ئادەتتە قۇلاق ئورنى ،دەستىسى  ۋە راۋاب بېشىدىن .ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ .بېشىنىڭ يۈز قىسمى ئادەتتە قۇياشقى ياكى تولۇن ئايغا ئوخشايدۇ .بېشىنىڭ ئۈستۈنكى ئىككى تەرىپىگە ھىلال ئاي ياكى بىر جۈپ قوشقار مۈڭگۈزىنىڭ شەكلى ئورنىتىلغان بولۇپ ،راۋاب ھۆسنىگە بىر خىل زىننەت بېغىشلاپ تۇرىدۇ .راۋاب كۆپرەك ياڭاق ،ئۆرۈك ،چىنار ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ .يۈزىگە يىلان تېرىسى ئىشلىتىلىدۇ .ئۇنىڭ خەلق ئارىسىدا قەشقەر راۋابى ،دولان راۋابى ۋە ئەڭ قەدىمىي بولغان قويچى راۋابى ،يېڭىدىن ئىسلاھ قىلىپ ياسالغان چاپلىما راۋاب (تالالىق راۋاب )ۋە تۆۋەن ئاۋازلىق باس راۋاب قاتارلىق خىللىرى بار .قەدىمكى راۋابلارغا قوي ،ئۆچكە ئۈچىيىدىن تار ئېشىپ سېلىنغان ،ھازىر ھەممىسىگە پولات سىم ئىشلىتىلىدۇ .

      راۋابلارنىڭ ھەر قايسى خىللىرىنىڭ تۈزۈلۈشى قىسمەن جەھەتتىن بىر–بىرىدىن پەرقلەنسىمۇ ،ئومومىي قانۇنىيەت ۋە شەكىل جەھەتتىن بىر –بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ .

 

( مۇھەررىر : مامۇتجان )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ