باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>سەنئەت>>چالغۇ–ئەسۋابلار
غېجەك
2007- 06- 01 15:01 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     

       غېجەك خەلقىمىز ئارىسىدا ئومۇملاشقان چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ياڭرىغان سېھىرلىك سادا، يېقىملىق كۈيلەردىن ۋۇجۇدى لەرزىگە كېلىپ، قەلبى ھاياجانغا چۆممەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. شۇنداق، غېجەك ئۇزاق تارىختىن بۇيان مۇقاملىرىمىز، كىلاسسىك مۇزىكىلىرىمىز، خەلق ناخشىلىرىمىز ۋە ھازىرقى زامان ناخشىلىرىنى ئورۇنداشتا كەم بولسا بولمايدىغان كامالچىلىق چالغۇلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئۇ يەنە خەلقىمىز ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى، ھەتتا تۈركىي خەلقلىرى ئارىسىدىمۇ ئوخشاش بولمىغان سەۋىيە، ئۇسلۇب بويىچە مىللىي چالغۇ كوللىكتىپى ئىچىدە كەڭ تۈردە قوللىنىپ، تېگىشلىك رول ئويناپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى چالغۇلارنىڭ بىرى. مەسىلەن؛ غېجەكنى خەلقىمىزدىن باشقا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبىك، تاجىك، قاراقالپاق، ئەزەربەيجان، تۈركمەن قاتارلىق مىللەتلەر، شەرقىي ئاسىيادا چاۋشيەن مىللىتىمۇ مىللىي چالغۇ كوللىكتىپى ئىچىدە ئەتىۋارلىق چالغۇ سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ. لېكىن غېجەكنىڭ ئەسلى ماكانى دىيارىمىز بولۇپ، ئۇنى تارىم ۋادىسىدا ياشىغان قەدىمىي قوۋم-ئەجدادلىرىمىز ئىجاد قىلغان. غېجەك پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ‹‹ غىرجەك›› (غىرداش ئارقىلىق ئاۋاز چىقىرىدىغان چالغۇ) دەپ ئاتالغان. قەدىمكى غېجەك قىل غېجەك بولۇپ، ئۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ھازىرقى قەدىمىي غېجەك(قىل غېجەك)، قۇمۇل غېجىكى، تەكەممۇل غېجەك شەكىللىرىگە كىرگەن. تەكەممۇل غېجەك يەنە ئوتتۇرا ئاۋازلىق غېجەك، باس غېجەك، دەپ ئىككى خىل شەكىلدە تاكامۇللاشقان. ھازىر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى سەنئەت ئۆمەكلىرىدە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان غېجەك-تەكەممۇل غېجەكتۇر.

قۇمۇل غېجىكى

      غېجەك مىللىي مۇزىكا ئوركېستىرلىرىدا يۇقىرى ئاۋازلىق غېجەك، ئوتتۇرا ئاۋازلىق غېجەك ۋە تۆۋەن ئاۋازلىق غېجەك دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. غېجەك ئۆزىگە خاس كۈي ساداسى، يېقىملىق، مۇڭلۇق، جۇشقۇن، زىل خۇش ئاۋازى بىلەن مىللىي ئوركېستىردىكى چالغۇلار ئىچىدە ئاساسلىق چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە مۇھىم رول ئوينىغىنىدەك، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سەھنىلەردە يالغۇز غېجەك بىلەنلا ئورۇندالغان مۇزىكىلارمۇ تاماشبىنىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ، خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىمىزنى مەملىكەتكە، دۇنياغا تۇنۇتۇشتا سېھىرلىك كۈچىنى نايامەن قىلىپ كەلدى، بولۇپمۇ كومپوزىتۇرلىرىمىز ئىختىرا قىلغان مەخسۇس غېجەك بىلەن ئورۇندىلىدىغان چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق ئەسەرلەر سەنئەتخومار خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تەقەززاسىنى قاندۇرۇشتا باشقا چالغۇلار بىلەن ئورۇندالغان مۇزىكىلار ئورنىنى باسالمايدىغان دەرىجىدە مۇھىم رول ئوينىدى. مەسىلەن: يالغۇز غېجەك بىلەن ئورۇندىلىدىغان، يۇقىرى ئورۇنداش ماھارىتى تەلەپ قىلىنىدىغان مۇزىكىلىق ئەسەرلەردىن‹‹ كەلدى بەختىيار زامان›› ، ‹‹ نۇرلۇق سەپەر›› ،‹‹ ۋىسال ئارزۇسى›› ،‹‹ لەيلىگۈل››  قاتارلىق ئەسەرلەر غېجەكنىڭ ئۇيغۇر چالغۇلىرى ئىچىدىكى ۋە دۇنيا سەھنىسىدىكى ئورنىنى يەنىمۇ بىر بالداق كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن روشەن مىللىي ئالاھىدىلىك، ئۇزاق ئەنئەنىگە ئىگە مىللىي چالغۇمىز-غېجەك رايۇنىمىز ۋە قوشنا رايۇنلاردا كەڭ ئومۇملىشىپ، ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيدى ۋە ھەرخىل سەنئەتكارلارنى تەربىيلەيدىغان سەنئەت مەكتەپلىرىدىمۇ مەخسۇس غېجەك كەسپى بويىچە مۇزىكانت تەربىيلەيدىغان كەسپلەر تەسىس قىلىنىپ، غېجەك كەسپى بويىچە ئىزباسار تەربىيلىنىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن غېجەك كەسپى بويىچە كەسپ ئەھلىلىرىنى تەربىيلەيدىغان سەنئەت مائارىپى بارلىققا كېلىپ، غېجەك ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇشتا كەڭ ئىمكانىيەت يارىتىلدى. بۇ، غېجەكتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى مىللىي چالغۇمىزنى يەنىمۇ ئومۇملاشتۇرۇش، غېجەك بىلەن مۇزىكا ئورۇنداش تېخنىكىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، يۇقىرى بەدىئىي ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى يېڭى ئىستىقبال بىلەن تەمىن ئەتكۈسى.

 
( مۇھەررىر : مامۇتجان )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ