|
(تەڭرىتاغ تورى)
يوقتۇر بۇ جەھان ئىچرە بىر كەبى ئەۋۋارە ،
ھەم بىسەرۇ سامانمەن ھەم ئاجىزۇ بىچارە .
غەم خەيلى ئاياغىدا جىسمىم چۇ غۇبار ئولدى ،
تۇفانى بەلا قىلدى تۇفراغ بىلە ھەمۋارە .
باشىمغە بەلا تاشى ياغدۇردى سىپىھر ئانچە ،
ھەر بىر ساچىم ئورنىدا يۈز يارە ئۆزە يارە .
تەئىسىرى جۇنۇنۇمدىن ۋەھىم ئەيلەبان ، ئەي ئەھباب ،
ھالىمنى سوراڭ ، لېكىن قىلماڭ ماڭا نەززارە .
ئالەم ئارا بىدادى بىر زەررە ئەمەس خالى ،
ھەر قانچە جەفا بولسە قىلمىش ماڭا ھەر بارە ،
كۆڭلۈمگە شىكەست بەردى نا ئەھلىنىڭ ئازارى ،
بۇ شىشەئى نازۇكنى سىندۇردى ئوشۇل خارە .
مۇستەھزاد چۈشۈرگسى
كۈز سالما ئەرۇسى دۇن رۇخسارىغە، ئەي مەھزۇن،
ھەر كۈن نەچە سەندەكنى ئازغۇردى بۇ مەككارە .
– مەھزۇن
جۇڭگو قامۇس نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ‹‹ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە مۇلاھىزە›› ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .
|