|
(تەڭرىتاغ تورى)
قاشىڭ مىھرابىنى ۋەسل ئەھلى ئەتمىش قىبلەئى مەقسۇد ،
باشىم يۈز قەتلە ئۇرسام يەرگە ھەجرىدىڭدىن ماڭا نې سۇد .
ئىچىمدە ئىشقدىن يۈز بەرقۇ دەم ئۇرماقغە زەھرەم يوق ،
ئۆي ئىچرە ئوت سالىپ ، ۋەھ ، مۇشكىل ئېرمىش ئاسراماغلىق دۇد .
يادا تاشىغە قان يەتكەچ ياغىن ياغدەك ، ئەي ساقى ،
ياغار يامغۇردەك ئەشكىم چۈن بولۇر لەئلىڭ شەراب ئالۇد .
چۈ قويدۇڭ داغ ، تىندۇردۇڭ كۆڭۈلنى دەردىڭ ئىستەردىن ،
دىرەم بىرلە گەدانى ئۇيلەكىم قىلغاي كىشى خۇشنۇد .
جۇنۇن بۇ بولسە كىم ياغدى پەرىۋەش تىفلىلەر تاشى ،
مۇناسىبىدۇر بۇ تاشلار ئەقل ئىشىگىن قىلغالى مەسدۇد .
تۆكۈلدى گۈل ، فىغان بەس قىلدى بۇلبۇل ، شۇكرىكىم بارى ،
سېنىڭ ھۇسنۇڭ مېنىڭ ئىشقىمدا نۇقسان بولمادى مەۋجۇد .
تۈنۇ ئەنجۇم دېمە ، دەۋرانغە راھەت قىلماسۇن دەپ مەيل ،
قەزا گۇلمىخلار قاقتى قىلىپ گەردۇننى قىرەندۇد .
خەراباتۇ مۇناجات ئەھلىنىڭ مەتلۇبى سەندۇرسەن ،
ماڭا كۆرسەتمەسەڭ يول ، نەيلەيىن ، قاي سارىدۇ بىھبۇد .
نەۋائى ، كەئبە زىكرىن قويكى ، بىز دەيرەي فەنا ئىستەپ ،
زەھەبنا ۋادىيەل–مەقسەد ، ۋەجەدنا ماھۇۋەل–مەقسۇد .
– نەۋائى
جۇڭگو قامۇس نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ‹‹ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە مۇلاھىزە›› ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .
|