|
(تەڭرىتاغ تورى)
كېرەرمەن كويىدا يىللار .نەزەر ھالىمغا سالغايدەپ ،
ئەگەرئۆلسەم قانىم رەڭگى تۇفراغىدا قالغاي دەپ .
كۆڭۈلگە يۈز تۈمەن نىش ئۇرسا ھىجران ، ئەيلەمەن نالە ،
ۋىسالىڭ نۇشىدىن ئول زەخملەر بىر كۈن ئوڭالغاي دەپ .
كۆڭۈلگە ناۋەكىڭ تا كىردى ،بىھۇد ھىفزىن ئەيلەرمەن ،
كى بۇ شىشە ئىچىندە ئول داغى ناگاھ ئوشالغاي دەپ .
كۆڭۈلنى كويىدە يۈز رەنج ئىلە مىھنەتغە تاپشۇردۇم ،
كى گەر كۆرسە بۇ سۈرەت بىرلەشايەد كۆڭلۈم ئالغاي دەپ .
سىرىشكىم قانى قىلدى كويىنىڭ تۇفراغىدىن ئاغۇشتە ،
ئىتىگە شايەد ئول بالچىغ بىلە بىر ئۆي ياسالغاي دەپ .
ھەرەم ۋەسلىن تىلەرسەن،پويەئۇر مەردانە ، ئەي سالىك ،
قەدەم ئاھىشتە چەكمە باغرىڭ ئول يەلمەكتە تالغاي دەپ .
نەۋائى ، بىنەۋالىغ بىرلە دائىم مەي ئىچەر ، بىر كۈن ،
نەۋا نەقىشنى دەۋران مۇترىبى بەزمىدە چالغاي دەپ .
– نەۋائى
جۇڭگو قامۇس نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ‹‹ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە مۇلاھىزە›› ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .
|