باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>سەنئەت
ئەل سۆيگەن سەنئەتكار دىلنار ئابدۇللا
2007- 05- 22 12:01 شىنجاڭ گېزىتى

(تەڭرىتاغ تورى)


      شىنجاڭ ناخشا _ ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك ئارتىسى دىلنار ئابدۇللا 1966 -  يىلى تۇغۇلغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق‹‹8 - مارت قىزىل بايراقدارى››، 2003 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹شىنجاڭنى ئېچىش ۋە قۇرۇش مۇكاپاتى››غا، ‹‹جۇڭگودىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئون ياشنىڭ بىرى›› دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 2004 - يىلى ‹‹مەملىكەتلىك 1 - ماي ئەمگەك مېدالى›› غا ئېرىشكەن.

      دىلنار ئابدۇللا سەنئەتنى ئىنتايىن سۆيىدۇ ھەمدە سەنئەتنىڭ چېكى يوق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۇ سەنئەت بېغىدا جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، سەنئەتنىڭ چىن مەنىسىگە ئۈزلۈكسىز ئىنتىلدى.

      ئۇ 11 يېشىدا مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتوتىنىڭ ئۇسسۇل فاكولتېتىغا بېرىپ ئوقۇدى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭ ناخشا _ ئۇسسۇل ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى، كېيىن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ناخشىلىق مۇزىكا فاكۇلتېتىدا بىلىم ئاشۇردى. نەچچە ئون يىللىق ئۇسسۇل ئويناش ھاياتىدا، ئۇ سەنئەتكارلارغا خاس ئىقتىدار ۋە چېچەنلىكىگە، پارتىيە ۋە خەلقنى قىزغىن سۆيۈش ۋە سەنئەتكە بولغان ئىنتىلىشىگە تايىنىپ، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، توختىماي ئىزدىنىپ، مول نەتىجىگە ئېرىشتى، ئۇ ئىشلىگەن ھەم ئورۇنلىغان نۇرغۇن ئۈلگىلىك سەنئەت نومۇرلىرى كۆپ قېتىم خەلقئارا، مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

      مەيلى چەت ئەلنىڭ ھەشەمەتلىك سەھنىسىدە ياكى دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، ھەتتا زاۋۇت، كارخانا، يېزا -  كەنتلەردە بولسۇن ئۇ ئۆزىنىڭ گۈزەل ئۇسسۇل سىماسىنى قالدۇردى. 1991 - يىلى ئۇ ئورۇنلىغان يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل ‹‹مۇز تاغدىكى ئوت›› مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇسسۇل مۇسابىقىسىنىڭ 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا، ئۇسسۇل ‹‹تاتلىق، تاتلىق، تاتلىق›› 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇ ئۇسسۇل يېتەكچىسى بولغان چوڭ تىپتىكى مىللىيچە ئۇسۇل  ‹‹تەڭرىتاغ شەپىقى›› 1994 _ يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تارقاتقان ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات ‹‹ۋېنخۇا ئورۇنلاش مۇكاپاتى›› غا ئېرىشتى. 1995 -  يىلى ئۇ بېيجىڭدا ئۆزىنىڭ يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل كېچىلىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئۆزگىچە سەنئەت سېھرىي كۈچى ۋە ئۇسسۇل تەسىرچانلىقى، شۇنداقلا سەھنىدىكى ئاجايىپ گۈزەل ئورۇنلاش ماھارىتى بىلەن مەركەز تاماشىبىنلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن لى تىيېيىڭ، بۇ خې، ئىسمائىل ئەھمەد، ئافېي ئاۋاڭجىنمېي، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىقلار ئۇسسۇل كېچىلىكىنى كۆرۈپ، قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭراتتى ۋە يۇقىرى باھا بەردى......

      دىلنار ئابدۇللا كەسىپنى قەدىرلەش روھى ۋە ئېگىلمەس ئىرادىسى بىلەن ھەممىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان سەھنە ئوبرازىنى، قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، يېڭىچە، سالاپەتلىك سەنئەت ئۇسلۇبىنى ياراتتى.
 

 

( مۇھەررىر : lala )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ