|
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 86 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىرلىشىپ ، ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹تەڭرىتاغ ئاۋانگارتلىرى›› ناملىق تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. بۇ قېتىمقى تەشۋىقات پائالىيىتىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى1– ئىيۇلدىن باشلاپ ‹‹كومۇنىستلارغا مەدھىيە››سەھىپىسى تەسىس قىلىپ ،يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى سەپ ،ھەرقايسى ساھەلىرىدە بارلىققا كەلگەن بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاساسىي قاتلاملاردىكى ئىلغار پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ نەمۇنىلىك ئىش ئىزلىرىنى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى.تەڭرىتاغ توربېكىتىمىزمۇ‹‹كومۇنىستلارغا مەدھىيە››سەھىپىسىنى ئالاھىدە تەسىس قىلىپ ،مەخسۇس خەۋەر ،قىسقا خەۋەر ،سۈرەت قاتارلىق شەكىللەردە تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپ ،بۇ پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن ئاكتىپ ئاۋاز قوشىدۇ.
|