|

خوتەن شەھەر ‹‹ چىنماچىن ›› يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ئىچكىرى ئۆلكىدىكى سودىگەرلەر بىلەن توختاملىشىشقا پۈتۈشمەكتە
ئۆز مۇخبىرىمىز بۇئايشەم راخمان خەۋىرى ، فوتوسى : ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى روشەن كۆرگەزمە ئورنىدىن جاي ئالغان خوتەن شەھەر ‹‹ چىنماچىن ›› يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ كۆرگەزمە ئورنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن سودىگەرلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى . زاۋۇت باشلىقى مەمەت ئابلانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ئۇلار بۇلتۇرمۇ ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتناشقان بولۇپ ، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش ئارقىلىق كۆپ نەپكە ئېرىشكەن . زاۋۇت 1998 – يىلى سودا – سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىكى تەرىپىدىن ئەنگە ئېلىنغان قانۇنىي سالاھىيەتكە ئىگە ئادەتتىكى باج تاپشۇرىدىغان كارخانىلارنىڭ بىرى ئىكەن . 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بۇ زاۋۇتتا رەسمىي ئىش باشلانغان بولۇپ ، زاۋۇت ئىشلەپچىقارغان تەبىئىي مەھسۇلاتلار شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكە بازارلىرىدا ئىنتايىن بازار تاپقان ئىكەن ، ‹‹چىنماچىن››زاۋۇتى بۇلتۇرقى يەرمەنكىدە ئىچكىرىي ئۆلكىلەردىكى سودىگەرلەرلا ئەمەس ئۆزبېكىستان ، قازاقىستان قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن سودىگەرلەر بىلەن كۆپ سوممىلىق توختام تۈزگەن .
ئىلغار باشقۇرۇش ۋە يۇقىرى پەن – تېخنىكىلىق باشقۇرۇش ئەندىزىسىگە ئىگە ئىگىلىك باشقۇرۇش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ، تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىنى نىشان قىلغان خوتەن ‹‹چىنماچىن›› يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى غوللۇق كارخانىلار قاتارىغا ئۆتۈشكە تىرىشىۋاتقان ئىكەن . ‹‹ چىنماچىن ›› يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى يەرمەنكە باشلىنىپ ئىككىنچى كۈنىلا ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن بىر قانچە چوڭ سودىگەرلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا پۈتۈشكەن . مەمەت ئابلانىڭ ئېيتىشىچە ، ‹‹چىنماچىن››شىركىتىنىڭ بۇ يىلقى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىپ ، مەلۇم ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىدا زور ئىشەنچىسى بار ئىكەن .
‹‹چىنماچىن››يېزا ئىگلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ، خوتەننىڭ ھەقىقىي ساپ مەھسۇلاتلىرى بولغان زىغىر ، زاراڭزا زاغۇن ، كەندىر ، ياڭاق ، ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىقلارنى خام ئەشيا قىلىپ ماي ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ ، ماي ئايرىشتا تەبىئىي تىندۇرۇپ سۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىكەن ، شۇڭا ، ‹‹چىنماچىن››زاۋۇتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ھەقىقىي ساپ ، تەبىئىي مەھسۇلات دېيىشكە بولىدىكەن .

|