باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
پاكىستان
2009- 09- 01 10:20 تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

 

پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى (The Islamic Republic of Pakistan)

     مۇستەقىللىق كۈنى : 8 – ئاينىڭ 14 – كۈنى(1947 – يىل)

     دۆلەت بايرىمى كۈنى : 3 – ئاينىڭ 23 – كۈنى

     دۆلەت بايرىقى : تىك تۆتبۇلۇڭ شەكلىدە، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى 3:2 نىسبەتتە. سول تەرىپى ئاق رەڭلىك تىك شەكىلدىكى تىك تۆتبۇلۇڭ بولۇپ ، كەڭلىكى بايراق يۈزىنىڭ 4/1ىنى ئىگىلەيدۇ؛ ئوڭ تەرىپى قېنىق يېشىل رەڭلىك تىك تۆتبۇلۇڭ بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا بىر دانە ئاق رەڭلىك بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز ۋە ئاق رەڭلىك ھىلال ئاينىڭ رەسىمى بار. بۇنىڭدىكى ئاق رەڭ تىنچىلىققا سىمۋول قىلىنغان ، دۆلەت ئىچىدىكى ھىندى دىنى ، بۇددا دىنى ، خىرىستىئان دىنى ، زوروئاسترىزمغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاھالىلەر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ يېشىل رەڭ گۈللىنىشنىڭ سىمۋولى بولۇپ ، يەنە ئىسلام دىنىغىمۇ ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھىلال ئاي ئىلگىرىلەشكە ، بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز نۇرغا سىمۋول قىلىنىدۇ ؛ ھىلال ئاي ۋە بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز يەنە ئىسلام دىنىغا بولغان ئېتىقادقىمۇ سىمۋول قىلىنىدۇ.

     دۆلەت گۈلى : يەسىمەن گۈلى

     يەر كۆلىمى : 796 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر

     نوپۇسى : 149 مىليون(2004 – يىل)، پاكىستان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ، پەنجاپلار %63نى، سىندىلار %18نى، پاتانلار %11نى، بەلۇجىلار %4نى ئىگىلەيدۇ. %95تىن كۆپ ئاھالە ئىسلام دىنى(دۆلەت دىنى)غا ئېتىقاد قىلىدۇ ، ئاز بىر قىسىم ئاھالە خىرىستىئان دىنى، سىندى دىنى ۋە شىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

     دۆلەت تىلى : ئوردو تىلى دۆلەت تىلى قىلىنىدۇ ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئېنگلىز تىلىنى ئىشلىتىدۇ . ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىن پەنجاپ تىلى، سىندى تىلى، پۇشتۇ تىلى قاتارلىقلار بار.

     پايتەختى:  ئىسلامئاباد (Islamabad)،  نوپۇسى 950 مىڭ (2002 – يىل)

     جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى: جۇڭگو ۋە پاكىستان تاغ– سۇلىرى تۇتىشىپ تۇرىدىغان دوستانە چېگرىداش دۆلەتلەر بولۇپ ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەنئەنىۋى دوستلۇقى بار. جۇڭگو – پاكىستان ئىككى دۆلەت 1951 – يىلى 5 – ئاينىڭ 21 – كۈنى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ ئالاقىسى قويۇقلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى كۈچەيدى.  

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ      بېكىتىمىز ھەققىدە