باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
خې گوچياڭ خەينەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى
2009- 03- 12 11:20 شىنجاڭ گېزىتى

 

       ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې گوچياڭ 10 – مارت چۈشتىن ئىلگىرى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان خەينەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: خەينەن خەلقئارا ساياھەت ئارىلى قۇرۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ساياھەت تەرەققىيات پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، قوغداش بىلەن ئېچىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، قوغداشنى گەۋدىلەندۈرۈش يولىدا قەتئىي ئېغىشماي مېڭىپ، يۇمشاق، قاتتىق مۇھىتنى كۈچەپ ياخشىلاپ، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى خىزمەت ۋە سىياسەتلەرنىڭ قوللىشىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ خەلقئارالىق سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، قوغداشتىن ئىبارەت بۇ خىزمەتنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىلگەن ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، يېڭى مەزگىلدىكى ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدىكى ھەقىقىي باشلامچى بولۇشى كېرەك.

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ      بېكىتىمىز ھەققىدە