|

ئەزالار قىزغىن مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقتا
ئۆز خەۋىرىمىز : 7 – يانۋار چۈشتىن كېيىن ، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 – يىغىنىغا قاتناشقان ھەر مىللەت ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىرتتىن قاتناشقۇچىلار گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى . ئەزالار 2008 – يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت نىشانىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى .
ئەزالار بىردەك مۇنداق دېدى : ‹‹ دوكلات ناھايىتى ئەتراپلىق ، كونكېرت يېزىلىپتۇ . بىز دوكلاتنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلاندۇق ھەمدە زېممىمىزدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدۇق . بىز قايتىپ بارغاندىن كېيىن ، يىغىن روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ ، ئاممىغا باشلامچىلىق قىلىپ ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ ، ئەزالىق بۇرچىمىزنى ياخشى ئادا قىلىپ ، يۇرت – ماكانىمىزنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز ›› .
گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە ، ئەزالار دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چوڭقۇر تەسىرات ئالغانلىقى ۋە ئىشەنچىسىنىڭ ئاشقانلىقىنى بەس – بەستە بايان قىلىپ ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە كۆپ تەرەپلىمىلىك پىلان تۈزۈپ ، تەرەققىياتقا توھپە قوشۇپ ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ، تېز تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى .
|