|
—قاراماينىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن
1958 – يىل 5 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن قاراماي شەھىرى قۇرۇلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قاراماينىڭ تەرەققىياتى يىلسېرى تېزلەشتى.
1955 – يىل 10 – ئاينىڭ 29 – كۈنى قارامايدىكى تۇنجى قۇدۇقتىن نېفىت چىقتى.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۇنياغا شىنجاڭنىڭ جۇڭغار ئويمانلىقىدا يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى چوڭ نېفىتلىك قاراماي نېفىتلىكى دۇنياغا كەلدى، دەپ جاكارلىدى.
بۇ خەۋەر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ھاياجانغا سالدى، قاراماي نېفىت سانائىتىنىڭ ‹‹ھاياتىي كۈچى›› بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى. 50 يىللىق مۇساپىدە، قارامايلىقلار جاھاننى زىل – زىلىگە سالىدىغان مۆجىزىلەرنى ياراتتى. يەنى، قاراماي تۇپرىقىدا ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تۇنجى چوڭ نېفىتلىك بايقالدى؛ قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقىدا دۇنيادىكى تۇنجى قۇملۇق نېفىتلىكى قۇرۇلدى؛ 21 – ئەسىرنىڭ تۇنجى بوسۇغىسىدا، غەربىي رايوندىكى تۇنجى 10 مىليون توننىلىق چوڭ نېفىتلىك قەد كۆتۈردى.
ئۆتكەن 50 يىلدا قارامايلىقلار جۇڭغار ئويمانلىقىدا 26 نېفىتلىك، گازلىق بايقاپ، دۆلەتنى 350 مىليون توننىدىن ئارتۇق خام نېفىت، 40 مىليارد كۇب مېتىرغا يېقىن تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، قاراماي 21 – ئەسىردىكى جۇڭگو نېفىت سانائىتى ئىستراتېگىيىلىك ئالماشقان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگودىكى ئەڭ مۇھىم نېفىت ۋە نېفىت خىمىيە بازىسى بولۇپ قالدى.
جۇمھۇرىيىتىمىزدىكى تۇنجى چوڭ نېفىتلىك
50 يىل مابەينىدە قاراماي شەھىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، كىچىكلىكتىن چوڭىيىش، قاقاسلىقتىن گۈللىنىش، تەبىئەتنى ئۆزگەرتىشكە يۈزلىنىشتەك مىسلىسىز تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى. ئۆزگەرمىگىنى ئۇلارنىڭ ھاردىم – تالدىم دېمەي نېفىتلىك قۇرۇلۇشىغا ئۈن – تۈنسىز تۆھپە قوشۇپ كەلگەنلىكىدە.
قارامايلىقلارنىڭ نېفىتكە بولغان قىزغىنلىقى ۋە تۆھپە قوشۇش روھى بۇ شەھەرنىڭ 50 يىللىق ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا تېرەك بولۇپلا قالماستىن، قاراماينىڭ تېخىمۇ پارلاق ئەتىگە يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. نېفىت، سانائەت مەدەنىيەتنىڭ قان تومۇرى. نېفىتنى ئەڭ بۇرۇن بايقىغان ۋە ئىشلەتكەن جۇڭگو ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىنىڭ باشلىرىغىچە ‹‹نېفىتكە كەمبەغەل دۆلەت›› دېگەن قالپاقتىن قۇتۇلالمىدى. جۇڭگودا نېفىت راستىنلا كەمچىلمۇ؟ ياق، گېئولوگلار جۇڭگو نېفىتىنىڭ ئۈمىدى غەربىي قىسىمدا، شىنجاڭدا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
1955 – يىل 6 – ئاينىڭ 14 – كۈنى، لۇ مىڭيۈ باشچىلىقىدىكى سەككىز مىللەت، 36 كىشىدىن تەركىب تاپقان بۇرغىلاش ئەترىتى مايبۇلاققا كىردى. 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى مايبۇلاقتىكى 1 – نومۇرلۇق قۇدۇقتا بۇرغىلاش رەسمىي باشلاندى. 115 كۈندىن كېيىن، 1 – نومۇرلۇق قۇدۇقتىن خام نېفىت ئېتىلىپ چىقتى، نەق مەيداندىكى ئىشچىلار سەككىز سائەتتە 6.95 توننا نېفىتنى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپ چىقاردى. تارىخ بېتىگە بۇ ئۇلۇغ كۈن خاتىرىلەندى.
1960 – يىلى قاراماي نېفىتلىكىنىڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 1 مىليون 630 مىڭ توننىغا يېتىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ خام نېفىت مەھسۇلاتىنىڭ %39 ىنى ئىگىلىدى. قاراماي نېفىتلىكى داچىڭ نېفىتلىكى بايقىلىشتىن بۇرۇن مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.
1958 – يىل 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇدې قاراماي شەھىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە: ئۈچ يىلدا قاقاس چۆللۈكتە 40 مىڭ نوپۇسقا ئىگە نېفىت شەھىرى بارلىققا كەلدى، بۇ ناھايىتى زور غەلىبە، شۇنداقلا بىر تەسىرلىك رىۋايەت، دېدى.
ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا ھامان قىيىنچىلىق بولىدۇ. 1961 – يىلىنىڭ ئاخىرلىرى نېفىتلىكنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1 مىليون 652 مىڭ توننىلىق خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسى تۆۋەنلەشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قاراماي جۇڭگو نېفىتىنىڭ بۆشۈكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، 5600 تېخنىك ۋە باشقۇرۇش كادىرى ئاجرىتىپ، داچىڭغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى. قىيىن شارائىتتا قارامايلىق نېفىتچىلار ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ 124 ماتېرىيال قۇدۇقى ۋە تەكشۈرۈش قۇدۇقى ئورۇنلاشتۇرۇپ، نېفىت زاپىسىنى قايتا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈپ، نېفىتلىك ئۈچۈن ئاخىرى يېڭى ھاياتلىق يولى تاپتى.
1976 – يىلىغا كەلگەندە نىفىتلىكتىكى 18 رايوننى ئېچىشقا مەبلەغ سېلىنىپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش يۈرۈشلۈك ئىقتىدارى 3 مىليون 170 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈلدى. شۇ يىلى 2 مىليون 969 مىڭ توننا نېفىت ئىشلەپ چىقىرىلدى. جۇڭغارنىڭ غەربىي شىمالىدا بىر يۈرۈش بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، تەدبىر بەلگۈلىگۈچىلەر تەكشۈرۈش نەزىرىنى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا يۆتكىدى
1989 – يىلىغا كەلگەندە نېفىتلىك رايونىدىكى ئېچىشقا بولىدىغان نېفىت زاپىسى 1978 – يىلدىكى 68 مىليون 170 مىڭ توننىدىن بىراقلا 178 مىليون 800 مىڭ توننىغا يەتتى. نېفىتلىك پارتكومىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئىككى بېشىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش، رايونلارنى قېدىرىپ تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت كەسكىن قارارىنىڭ تۈرتكىسىدە، 1991 – يىلى 5 – ئايدا بىر قاتار نېفىتلىكلەر بايقالدى.
2000 – يىلى 6 – ئايدا لۇلياڭ نېفىتلىكى بايقىلىپ، جۇڭغار ئويمانلىقىدا نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش دولقۇنى قوزغالدى. شىشى، موسۇۋەن ... قاتارلىق نېفىتلىكلەرنىڭ بايقىلىشىغا ئەگىشىپ، 2002 – يىلى قاراماي ئىشلەپ چىقارغان خام نېفىت 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، غەربىي شىمالدىكى تۇنجى 10 مىليون توننىلىق نېفىتلىككە ئايلىنىپ، جاھاننى زىل – زىلىگە سالغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى تاماملىدى. قاراماينىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ. ‹‹11 – بەش يىللىق پىلان›› دا قاراماي 2010 – يىلىغا بارغاندا نېفىتلىكنىڭ يىللىق ماي – گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى 20 مىليون توننىغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە يىللىق تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 5 مىليارد كۇب مېتىردىن يۇقىرى بولغان ھەمدە يىلىغا 10 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھازىرلانغان بايلىق زاپىسى ئاساسىدا، زامانىۋى چوڭ نېفىتلىك – گازلىق قۇرۇلمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىدىكەن.
ئۇلۇغۋار نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا قىيىنچىلىق كۆپ بولسىمۇ، ئەمما قارامايلىقلارنىڭ ئىشەنچىسى كۈچلۈك.
قارامايدىكى ئىككى ئەۋلاد نېفىتچىلارنىڭ يېرىم ئەسىر جاپالىق كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭ نېفىت سانائىتى ئالاھىدىلىكىگە ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كارخانا مەدەنىيىتى شەكىللەندى.
باياۋاندا تۇنجى زامانىۋى نېفىت شەھىرى قەد كۆتۈردى
ئىلگىرى قارامايدا سۇمۇ، گىياھمۇ يوق ئىدى، ھەتتا قۇشلارنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى. بۈگۈنكى كۈندە قارامايدا ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرگەن، ياپ – يېشىل دەل – دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان، يوللىرى ئازادە، دەريا سۈيى ئېقىپ تۇرغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.
50 يىلدىن بۇيان قارامايلىقلار شەھەر قۇرۇلۇشىدا مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، كان رايونىدىن زامانىۋى شەھەرگە ئۆزگىرىشتەك ئۇلۇغۋار نىشانىغا يەتتى.
يېرىم ئەسىر ئىلگىرى، ئىگىلىك تىكلەش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان قارامايلىقلار گەمىدە، سوقما تاملىق ئۆيلەردە تۇراتتى. 1958 – يىلى قاراماي شەھىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىك، شەھەر بىلەن بازار بىرلەشكەن، ئىشلەپچىقىرىشقا، تۇرمۇشقا قۇلايلىق قاراماي قۇرۇلۇشقا باشلىدى. ئەمما دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، بۇنداق ئاددىي تۇرمۇش شەكلى قارامايلىقلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، ياشاش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش ئارزۇسىنى قاندۇرالمىدى.
2001 – يىل 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنى قاراماي شەھىرى زامانىۋى شەھەر قۇرۇش نىشانىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويدى.
ياز كۈنلىرى ياپ – يېشىل ئوت – چۆپلەردىن پايانداز سېلىنغان، فونتانلار ئېتىلىپ تۇرغان خەلق مەيدانى سالقىنداپ ئارام ئالغىلى كەلگەنلەر بىلەن تولۇپ كېتىدۇ. بوۋايلار مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ئۇسسۇل ئويناپ، بەدەن چېنىقتۇرسا، بالىلار قۇم ئازگاللىرىدا چۇقۇرىشىپ ئوينايدۇ. سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرمۇ بۇ يەرگە يىغىلىپ، چوڭ ئېكراندا كۆرسىتىلىۋاتقان نومۇرلاردىن ھەقسىز ھۇزۇرلىنىدۇ.
سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى قاراماي دەرياسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەرنىڭ تارىخىغا يېڭى سەھىپە يېزىلدى. قىسقىغىنا بىر نەچچە يىلدا قارامايدا 75 مىڭ كۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى زامانىۋى مەيدان، مەدەنىيەت كوچىسى، جەرەنبۇلاق يىشىن باغچىسى، مايتاغ شەرقىي كۆل باغچىسى، كۈنگەي باغچىسى قۇرۇلدى. سۇ باشلاش ئارقىلىق قۇرۇلغان ئەسىر باغچىسى، ئەجدىھا شارقىراتمىسى، قاراماي دەرياسى مەركىزىي سەيلىگاھى قاتارلىق باغچىلاشقان مەنزىرە نۇقتىلىرى قاراماينىڭ يارقىن ساياھەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.
ئىلگىرى قاراماينىڭ يوللىرى تار ھەم ئېگىز – پەس بولغاچقا، ئاسانلا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرەتتى. 2001 – يىلىدىن باشلاپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت شەھەر يولىنى ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشىغا 585 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 156.13 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى 97 چوڭ – كىچىك يولنى يېڭىدىن ياسىدى ۋە ئۆزگەرتتى. ئۈرۈمچى قاراماي بىرىنچى دەرىجىلىك تاشيولى، قاراماي – چۆچەك تاشيولىنىڭ چېگرىدىن ئۆتۈش بۆلىكى، مايتاغ – كۈيتۈن تاشيولى، كۈيتۈن – قاراماي تاشيولى ياسالدى. 2006 – يىلى 4 – ئايدا قاراماي ئايرودرومى پۈتۈپ، قارامايلىقلار 40 مىنۇتتىلا ئۈرۈمچىگە بارالايدىغان بولدى.
قاراماي شەھىرى يېقىندىن بۇيان مەھەللە يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %40 كە يەتكۈزدى. جەنۇبىي شەھەر رايونىدا 100 مىڭ كۇب مېتىر بۇلغانغان سۇنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان زاۋۇت، قاراماي شەھىرىدىكى تۆت رايوندا ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قۇردى. ھازىر يېڭى شەھەر رايونىدىكى تۇرمۇش، داۋالاش ئەخلەتلىرى زىيانسىز بىر تەرەپ قىلىنىدىغان بولدى. قاراماي سۇ، توك، ئالاقە، ئىسسىقلىق، گازدىن پايدىلىنىش نىشانىمۇ ئاساسەن يەتتى. پۇقرالار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش، داۋالاش، سەھىيە، سودا، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى، ئاممىۋى يېشىللىق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار ئاھالىلەرنى كۆپ تەرەپلىمىلىك تۇرمۇش قۇلايلىقى بىلەن تەمىنلىدى.
نېفىتچىلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى
1955 – يىلى 3 – ئايدا 200 دىن كۆپرەك كىشىدىن تەركىب تاپقان نېفىت ئىشچىلار ئەترىتى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يەنچاڭشەن ناھىيىسىدىن يولغا چىقىپ، ئىككى ئايدىن كېيىن، ھازىرقى قاراماينىڭ مايتاغ رايونىغا يېتىپ كەلگەن.
50 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بوۋاي – موماي بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ ئەينى يىللاردىكى ‹‹چېگرا قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىمىز، بارلىقىمىز جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ نېفىتى ئۈچۈن›› دېگەن غايىسى ھېلىھەم قارامايدا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
1955 – يىلى 24 ياشقا كىرگەن ما فۇلۇ قارامايغا كەلگەندىن كېيىن، مايتاغ نېفىت ئېلىش ئىشچىلىقىغا تەقسىم قىلىندى. قاراماي ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدىنمۇ بەكرەك قاقاسلىق بولۇپ، تۆت پەسىلدە قۇم – بوران توختىمايتتى، 6 – ئايدىمۇ قار ياغاتتى. بۇنداق مۇھىتتا مافۇلۇنىڭ قەلبىدە بىرلا ئوي بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، شارائىت بولسا ئالغا ئىلگىرىلەش، شارائىت بولمىسا شارائىت يارىتىپ ئالغا ئىلگىرىلەش.
بىر يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالى ۋە قىزى مايۆلەنمۇ قارامايغا كەلدى.
مايۆلەننىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، دادىسى ھەر كۈنى سەھەردە چىقىپ كېتىپ، تۈن نىسپىدە قايتىپ كېلەتتى. قىش كۈنلىرى قايتىپ كەلگەندە پۈتۈن بەدىنى مۇزلاپ ‹‹مۇز ئادەم›› گە ئايلىنىپ قالاتتى. شەپكىسىنىڭ چىكىلىكىنى قېلىن ھەم ئۇزۇن مۇز تۇتۇپ كېتەتتى. ھەتتا ساقال ۋە ئىڭەكلىرىدىمۇ مۇزلار قېتىپ قالاتتى.
بۇ يەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتى ناھايىتى جاپالىق بولۇپ، يەيدىغانغا كۆممىقوناق ۋە ئاققوناق ئۇنىلا بار ئىدى. ئىچىدىغان سۇنى ھارۋا بىلەن توشۇپ كېلىپ، بىر نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى كۆلچەككە تۆكۈپ ساقلاپ ئىچەتتى. بىر يىلغىچە يېڭى كۆكتات كۆرگىلى بولمايتتى. ئۇلار تۇرۇۋاتقان گەمىنىڭ ئېغىزى شامال چىقسىلا قۇم بىلەن كۆمۈلۈپ قالاتتى.
شارائىت قانچىلىك جاپالىق بولسىمۇ، قارامايدىكى تۇنجى ئەۋلاد نېفىت ئىشچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ياشلىق باھارى ۋە مەڭگۈ ئۆزگەرمەس غايىسى بىلەن قاقاس چۆللۈكتە يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى نېفىتلىكنى قۇرۇپ چىقتى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلىنىپ، تۇرۇبا سۈيى ئىچەلەيدىغان، يېڭى كۆكتات يېيەلەيدىغان بولدى.
يېڭى دەۋردىكى نېفىت ئىشچىلىرىغا كۈچ – قۇۋۋەتلا ئەمەس بىلىم ۋە تېخنىكا كېرەك ئىدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن خىزمەت ئورنىدا تىرىشىپ ئىشلىسە، بىر تەرەپتىن ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۆيىدە كىتاب كۆرۈپ، بىر نەچچە خىل تېخنىكىنى ئىگىلەيدىغان بولدى.
كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈچ ئەۋلاد نېفىتچىلارنىڭ قارىشى ئوخشاش بولۇپ، ھازىر بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى، كەلگۈسىدە بۇنىڭدىنمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ.
شۇنداق، قارامايدىن ئىبارەت بۇ نېفىت شەھىرى يېرىم ئەسىرنى باشتىن كەچۈرۈپ، مىسلىسىز ئۆزگىرىش قىلدى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يەنە 50 يىلدىن كېيىن بۇ نېفىت شەھىرى تېخىمۇ روناق تېپىپ، تېخىمۇ گۈزەل قىياپىتى بىلەن دۇنيانى جەلپ قىلىدۇ.
|