|
ئۆز مۇخبىرىمىز تاھىرجان ھامۇت خەۋىرى، فوتوسى: بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە، قۇمۇل كۆرگەزمە ئورنىدىكى قۇمۇل چەشمىلىرى ئۆزىنىڭ قويۇق مىللىي پۇرىقى بىلەن بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدىكى يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

يەرمەنكىدىكى قۇمۇل چەشمىلىرى
قۇمۇل چەشمىلىرىنى قۇمۇل چەشمىچىلەر جەمئىيىتى قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا يەرمەنكىگە قاتناشتۇرغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ 5–قېتىم ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىشى ئىكەن.

چەشمە ئىشلەنگەن كىيىم
قۇمۇل چەشمىلىرى قۇمۇلنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، مۇناسىۋتلىك ئورۇنلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ئاستىدا قۇمۇلدا ‹‹قۇمۇل شەھەرلىك چەشمىچىلەر جەمئىيىتى›› قۇرۇلغان بولۇپ، يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان قۇمۇل چەشمىلىرى قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشكەن. نۆۋەتتە ، پۈتۈن قۇمۇل ۋىلايىتى بويىچە 20دىن ئارتۇق چەشمە دۇكىنى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، چەشمىچىلەر جەمئىيىتىمۇ كۈنسېرى زورىيىپ، 1000دىن ئارتۇق ئەزاغا ئىگە بولغان.

قۇمۇل چەشمىچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئايشەمگۈل ئىبراھىم چەشمە بۇيۇملىرىنى كۆرسەتمەكتە
بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىگە يېتەكچىلىك قىلىپ چىققان قۇمۇل چەشمىچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئايشەمگۈل ئىبراھىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:‹‹ھازىر، ئىشتىن سىرت چەشمىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قۇمۇل ئائىلە ئاياللىرىنىڭ ئايلىق كىرىمى 300يۈەندىن 500يۈەنگىچە بولىۋاتىدۇ. دېمەك بىزنىڭ مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىكىدىن تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتالايدىغانلىقىمىزدىن ئۈمىد بار. بىز ئەڭ قىيىنچىلىق ۋاقىتلاردىمۇ چېكىنمىدۇق ، مانا ئەمدى خېلى زور بولغان چەشمىچىلەر قوشۇنىغا ئىگە بولدۇق. بىز قۇمۇل چەشمىلىرىنى قۇمۇلدىن چىقىرىپ شىنجاڭغا ، پۈتۈن مەملىكەتكە ھەتتاكى دۇنياغا تونۇتالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز››.

قۇمۇل چەشمىلىرى
بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىگە تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ساياھەت بۇيۇملىرى، كىيىم–كېچەك قاتارلىق 50تۈردىن ئارتۇق چەشمە بۇيۇملىرى قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، دەسلەپكى ئۈچ كۈندىكى پارچە سېتىلىشىلا 4000يۈەندىن ئاشقان. قۇمۇل چەشمىچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئايشەمگۈل ئىبراھىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئۇلار كارخانا قۇرۇش خىزمىتىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، يىل ئاخىرىغىچە كارخانىمۇ قۇرۇلۇپ بولىدىكەن.

چەشمە ئىشلەنگەن تويلۇق مودىللىرى
|