باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
يەرمەنكىدىكى ئۆزگىچە چالغۇلار
2008- 09- 06 19:07 تەڭرىتاغ تورى

       ئۆز مۇخبىرىمىز تاھىرجان ھامۇت خەۋىرى، فوتوسى: قەشقەر قوغام يېزا 1–كەنتتىن ئۆزىنىڭ نەپىس ئىشلەنگەن چالغۇ ئەسۋابلىرىنى يەرمەنكىگە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن غولام تۇرسۇن يەرمەنكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە يەرمەنكە مەيدانىغا كىرەلمەي، مەيدان سىرتىدا ئۆز ئىجادىيەتلىرىنى كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇپ، يەرمەنكە سىرتىدىكى ئۆزگىچە ‹‹يەرمەنكە›› بولۇپ قالغانىدى. يەرمەنكىنىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرىدە، ئۇ ئاخىرى يەرمەنكە مەيدانىغا كىرىشكە مۇيەسسەر بولدى ۋە مۇزىكا ئاۋازى بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

غۇلام تۇرسۇن ئاكا مۇزىكا چېلىپ كىشىلەرنى جەلپ قىلماقتا

      غۇلام تۇرسۇن ئاكا چالغۇ ياساش ۋە چېلىشنى ئاكىسى، قەشقەردىكى داڭلىق راۋاپچى مىجىت راۋاپتىن ئۆگەنگەن بولۇپ، 36 يىللىق چالغۇ ياساش جەريانىدا ئۇ ئەسلىدە بار چالغۇلاردىن سىرت ئۆزگىچىلىككە ئىگە چالغۇلارنى ئىجاد قىلىشقا  كىرىشكەن.

غۇلام تۇرسۇن ئاكىنىڭ يەرمەنكىگە قاتناشتۇرغان بىر قىسىم ئىجادىيەتلىرى

      غولام تۇرسۇن ئاكىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئۇ ھازىرغىچە 63خىل يىڭىچە چالغۇ ئىجاد قىلغان  بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىگە 6خىل ئىجادىيىتىنى قاتناشتۇرغان. ياسىغان چالغۇلارنىڭ سىزىش، ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچلىرىنىڭ ھەممىسى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا قولدا ياسالغان ئىكەن.

ئولىمپىك مەشئىلى ئويۇلغان چالغۇ

      غولام تۇرسۇن ئاكا ئائىلىسىنىڭ ئاساسلىقى كىرىمى چالغۇ ياساشتىن كىرىدىغان بولۇپ، بالىلىرىمۇ بۇ ھۈنەرنى ئىگىلىگەن ئىكەن. غولام تۇرسۇن ئاكىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىگە قاتناشتۇرغان ئىجادىيەتلىرى ئىچىدە ئولىمپىك مەشئىلى ئويۇلغان بىر چالغۇ بولۇپ ، ئۇ بۇ چالغۇنى بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلىشى ئۈچۈن تەغدىم قىلىش ئارزۇسى بار ئىكەن.

غۇلام تۇرسۇن ئاكا ياسىغان ياغاچ دوپپا 

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ