|
ئۆز مۇخبىرىمىز تاھىرجان ھامۇت خەۋىرى، فوتوسى: بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە، گۆھەر قىز تۇرسۇن ئىسىملىك ياش ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۆزى لايىھىلەپ ياسىغان كۆپ ئىقتىدارلىق يۆتكەشكە قۇلايلىق كومپىيۇتېر ساندۇقى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.

گۆھەر قىز تۇرسۇن 2007–يىلى شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېسىتېتىنىڭ كومپىيۇتېر كەسپىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، 2007–يىلى6–ئايدىن باشلاپ بۇ قۇلايلىق كومپىيۇتېر ساندۇقىنى كەشىپ قىلىشقا كىرىشكەن. كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ كومپىيۇتېرنىڭ دەسلەپكى لايىھىسىنى پۈتكۈزۈپ، پاتېنت ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلغان ۋە 2008–يىلى 6–ئايدا پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

گۆھەر قىز تۇرسۇن ئۆز ئىجادىيىتىنى تونۇشتۇرماقتا
گۆھەرقىز تۇرسۇننىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، بۇ خىل كومپىيۇتېر ساندۇقىنىڭ ئورۇن تېجەش، يۆتكەشكە، كۆتۈرۈشكە قۇلايلىق بولۇش، سوۋۇتۇشچانلىقى ياخشى بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلىرى بار بولۇپ، ياغاچ، PVC، ئورگانىك ئەينەك قاتارلىق ماتېرىياللاردىن ياسالغان ئىكەن.

يۆتكەشكە قۇلايلىق كومپىيۇتېر ساندۇقى
يەرمەنكە مەزگىلىدە نۇرغۇن خېرىدارلار بۇ يېڭىچە مەھسۇلاتقا مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغانلىنى بىلدۈگەن بولۇپ، گۆھەر قىز تۇرسۇننىڭ بۇ مەھسۇلاتنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈش ياكى ھەمكارلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشقا خېرىدار چاقىرىش ئارزۇسى بار ئىكەن.
|