|
بۇ يىللىق ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي ئۆرپ– ئادەتلىرى ۋە جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان ساياھەت مەھسۇلاتلىرى دۆلەت ئىچى–سىرتىدىن كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كۆرگەزمە زالىدىكى ‹‹سېھىرلىك كىرورەن›› زىننەت بويۇملىرى يايما ئورنىنىڭ ئالدى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان بولۇپ، مال سېتىۋالىدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى. ئەسلىدە، بۇ يەردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىن چىققان ئاجايىپ تاشلاردىن ئىبارەت بولۇپ، تولىمۇ نەپىس ئىشلەنگەنىدى. ‹‹سېھىرلىك كىرورەن›› زىننەت بويۇملىرى شىركىتىنىڭ دېرىكتورى شىڭ شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاجايىپ تاشلار بايلىقى مول بولۇپ،‹سېھىرلىك كىرورەن› زىننەت بويۇملىرى دەل ئاشۇ ئاجايىپ تاشلاردىن ئىشلەنگەن، تولىمۇ ئۆزگىچە. بىز ئۆز مەھسۇلاتلىرىمىزنى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، مەھسۇلاتلىرىمىزغا قىزىقىدىغانلار ۋە سېتىۋالىدىغانلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولدى. بازار ئىستىقبالىغا ئىشەنچ باغلىدۇق›› .
ئۈرۈمچى–سانجى كۆرگەزمە رايونىدا، شىنجاڭ ئەيتېر مىللىي ئۆرپ– ئادەت ھۈنەر–سەنئەت زاۋۇتىنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرى تالاشتا قالدى. دوپپا شەكىللىك يانفون زەنجىرلىرى، پۇل قاپچۇقى، گۈل كەشتىلەنگەن كىچىك كىگىز ئۆيلەر، كىچىك قونچاقلار كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. نۆۋەتتە، ئۇلار ئىشلەپچىقارغان ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ئىلگىرىكى بىر تۈردىن كۆپىيىپ، ھازىرقى 4 چوڭ يۈرۈشتىكى 60 نەچچە خىل مەھسۇلاتقا يەتتى. شىنجاڭ ئەيتېر مىللىي ئۆرپ- ئادەت ھۈنەر- سەنئەت زاۋۇتىنىڭ باش دېرىكتورى ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ بىزنىڭ ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە 5– قېتىم قاتنىشىشىمىز بولۇپ، مەسلىھەت سورايدىغانلار، ماتىرىيال ئالىدىغانلار، كېڭىشىدىغانلار ناھايىتى كۆپ بولدى. ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ ئالدىنقى 3 كۈنىدە، سىرتتىن كەلگەن نۇرغۇن مىھمانلار زاۋۇتىمىزغا بېرىپ ئېكىسكورسىيە قىلدى. بىز ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ھۈنەر– سەنئەت بويۇملىرىنى قېزىش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ %80ى قولغا ئىشلەنگەن بولغاچقا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى›› .
شەندۇڭدىن كەلگەن بىر سودىگەر شىنجاڭ ئەيتېر مىللىي ئۆرپ–ئادەت ھۈنەر–سەنئەت زاۋۇتىنىڭ مەھسۇلاتىدىن بىر قانچىنى سېتىۋالغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ مەھسۇلاتلار تولىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، باشقا يەرلەرنىڭكىگە ئوخشاشمايدىكەن. بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپىنچىسى قولغا ئىشلەنگەن بولۇپ، سېتىۋالغان بۇ مەھسۇلاتلارنى ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلەرگە سوۋغا قىلىمەن›› .
|