باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
يەرمەنكىدىكى قاتناشقان ئۇيغۇر ساپالچىلىقى
2008- 09- 04 11:49 تەڭرىتاغ تورى

     ئۆز مۇخبىرىمىز تاھىرجان ھامۇت خەۋىرى، فوتوسى: 17–نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە ، ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ يەرمەنكە ئورنىغا قويۇلغان نەپىس ئىشلەنگەن ساپال بۇيۇملار يەرمەنكىگە كىرگەن كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى ئۆزىگە تارتتى. بۇ ساپال بۇيۇملارنىڭ ئىگىسى ئاقتۇ ناھىيىسى بارىن يېزىسى سايۋاغ كەنت تاۋاقچى مەھەللىسىدىن كەلگەن ھاجى ئەمەت ئاكا ئىدى.

‹‹ئاقتۇ››ساپال بۇيۇملىرى

      ھاجى ئەمەت ئاكا جەمەتىنىڭ ئالتىنچى ئەۋلاد ساپالچىلىق ۋارىسى بولۇپ ، ئائىلىسىنىڭ ئاساسلىق كىرىمى ساپالچىلىقتىن كىرەتتى. تېخى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىلا، ھاجى ئەمەت ئاكا ساپالچىلىقتىن قىلغان كىرىمى دېگەندەك ياخشى ئەمەس بولۇپ ، ھاجى ئەمەت ئاكىنىڭ ساپاللىرىمۇ يېزا ئىشىكىدىن چىقالمايتتى . ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، ياردەم قىلىشى نەتىجىسىدە ، 2007–يىلى ھاجى ئەمەت ئاكا ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ ، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتناشتى ۋە نۇرغۇن خېرىدالارغا ئىگە بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھاجى ئەمەت ئاكا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۇكىنىدىكى ساپال بۇيۇملىرىنىڭ تۈرلىرىنى تېخىمۇ بېيىتتى. بۇ يىل ھاجى ئەمەت ئاكا ئۆزىنىڭ 50نەچچە خىل مەھسۇلاتىنى ئېلىپ بۇ يەرمەنكىگە قاتناشتى.

ھاجى ئەمەت ئاكا خېرىدارلارغا ساپال بۇيۇملارنى تونۇشتۇرماقتا

      ھاجى ئەمەت ئاكا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ساپالچىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ بىر مۇھىم تۈرى شۇنداقلا مېنىڭ ئاتا مىراس كەسپىم. شۇنداق قىيىنچىلىق چاغلاردىمۇ بۇ كەسپنى تاشلىمىغانىدىم ، مانا ئەمدى ھەر تەرەپنىڭ قوللىشى بىلەن ھالىمىز ياخشىلاندى، بۇنىڭدىن قىلىدىغان كىرىمىممۇ ئاشتى ، ھازىر يىلىغا 20–30مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن. بۇنىڭ بىلەن ئىككى نۆۋەت ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتناشتىم ، ئىككىلا قېتىمنىڭ يەرمەنكە ئورنىنى ناھىيە ھەقسىز ئېلىپ بەردى.

      ئىگىلىنىشچە ، بۇ ساپال بۇيۇملىرىنىڭ ئاساسلىق خېرىدارلىرى چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر ، يىغىپ ساقلىغۇچىلار ۋە بىر قىسىم يەرلىكلەر بولۇپ ، ئەڭ ئادەتتىكى بىر ساپال بۇيۇم ئاز دېگەندە بىر ھەپتىدە پۈتۈپ چىقىدىكەن. بۇ يىل ھاجى ئەمەت ئاكا ئۆز ساپال بۇيۇملىرى ئۈچۈن ‹‹ئاقتۇ›› نامىنى ماركا قىلىپ تىزىملاتقان بولۇپ ، خېرىدارلىرىمۇ كۈنسېرى كۆپىيىۋېتىپتۇ. نۆۋەتتە ، ئۇنىڭ بالىلىرىمۇ بۇ ھۈنەرنى ئۆگىنىپ ، يېتىشىپ چىققان بولۇپ ، ھاجى ئەمەت ئاكىنىڭ ئاتا مىراس بۇ كەسپنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تارقىتىپ ، بۇ ئەنئەنىۋى قۇل ھۈنەرۋەنچىلىكنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشەنچى بار ئىكەن.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ