باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
تاشقى ھەمكارلىق تۈرى بويىچە توختام ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
2008- 09- 04 11:12 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

   

  17–نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى 3 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن تاشقى ھەمكارلىق تۈرى بويىچە توختام ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. توختام ئىمزالانغان مەبلەغ سېلىش تۈرى ۋە تاشقى سودا كېلىشىمى 27 گە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %8، سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 1مىليارد 168مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولدى .

     توختام ئىمزالاش مۇراسىمىدا، ئەنگىلىيە، دانىيە، سىنگاپور، موڭغۇلىيە قاتارلىق 8 دۆلەت ۋە رايوندىكى كارخانىلار ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق 8 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار بىلەن كان مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش، ئۆي– مۈلۈك، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، خېمىيە سانائىتى قاتارلىق كەسىپلەردە كېلىشىم ئىمزالىدى.

     ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەسقەت كەرىمباي، ياڭ گاڭ، ئالپىسباي رەخىم، خۇۋىيلار كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.  

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ