باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
‹‹ئىخلاس›› شىركىتى ئۈرۈمچى سودا يەرمەنكىسىدە نەق مەيدان سۆھبەت يىغىنى چاقىردى
2008- 09- 04 09:37 تەڭرىتاغ تورى

     ئۆز مۇخبىرىمىز تاھىرجان ھامۇت خەۋىرى، فوتوسى: 3–سېنتەبر، ‹‹شىنجاڭ ئىخلاس كەسپىي تەرەققىيات شىركىتى›› ئاپتونوم رايونلۇق خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە بىر قېتىملىق نەق مەيدان سۆھبەت يىغىنى چاقىردى . يىغىنغا ‹‹ئىخلاس››شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى روزى ھاجى باشچىلىقىدىكى شىركەتنىڭ بىرقىسىم رەھبەرلىرى، ‹‹ئامىنە››شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئەمەتجان نامەت ۋە ھەرقايسى ئاخبارات ساھەسىدىكى خادىملار قاتناشتى. 

يىغىندىن كۆرۈنۈش

      يىغىندا ، ‹‹شىنجاڭ ئىخلاس كەسپىي تەرەققىيات شىركىتى››نىڭ باش دىرېكتورى روزى ھاجى مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بېرىپ ، نۆۋەتتە ، ئومۇميۈزلۈك ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەن ئىخلاس سانائەت باغچىسىنىڭ بەش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسى بويىچە كۈندە 50 توننا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسىگە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە چۈشەنچە بېرىپ ، نۆۋەتتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ ئۆسۈش ۋەزىيىتىنىڭ ‹ئىخلاس›› مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى، ‹‹ئىخلاس››شىركىتىنىڭ پايدىنى ئاز ئېلىپ ، باھانى تىزگىنلەش ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

باش دىرېكتور روزى ھاجى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەرمەكتە

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ