|
ئۆز مۇخبىرىمىز تاھىرجان ھامۇت خەۋىرى ، فوتوسى: 3–سېنتەبر، شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك يۇقىرى پەن–تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ پاكىستان، ئۆزبېكىستان ، تاجىكىستان شىركەتلىرى بىلەن توختام ئىمزالاش مۇراسىمى ئاپتونوم رايونلۇق خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ ‹‹ئامىنە›› شىركىتى يەرمەنكە ئورنىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىم ، ‹‹ئامىنە›› شىركىتى بىرلا ۋاقىتتا ، تاجىكىستاننىڭ بەندال خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى بىلەن 2 مىليون دوللارلىق ئىچىملىك ئېكسپورت كېلىشىمى؛ ئۆزبېكىستاننىڭ كىرىم يېمەك –ئىچمەك گۇرۇھى بىلەن1مىليون 200مىڭ دوللارلىق خام ئەشيا ئىمپورت كېلىشىمى؛ پاكىستاننىڭ شىمالىي رايون سودا شىركىتى بىلەن 3مىليون دوللارلىق تەييار چۆپ ، قارىقات ، زەپەر ئىچىملىكى ئېكسپورت كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ ، ئومۇمىي توختام سوممىسى 6مىليون 200مىڭ دوللارغا يەتكەن .


‹‹ئامىنە››شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئەمەتجان نامەت پاكىستاننىڭ شىمالىي رايون سودا شىركىتىنىڭ ۋەكىلى بىلەن توختام ئىمزالىماقتا


باش دىرېكتورى ئەمەتجان نامەت ئۆزبېكىستان كىرىم يېمەك –ئىچمەك گۇرۇھىنىڭ ۋەكىلى بىلەن توختام ئىمزالىماقتا


باش درېكتورى ئەمەتجان نامەت تاجىكىستان بەندال خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ۋەكىلى بىلەن توختام ئىمزالىماقتا

بۇ ‹‹ئامىنە››شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى يەتمەنكىسىگە 9–قېتىم قاتنىشىشى بولۇپ ، ئاساسلىق نىشانى يېڭىدىن بازارغا سالغان ئۈچ خىل ئىچىملىكىنى تونۇشتۇرۇش شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئىكەن.

‹‹ئامىنە››شىركىتى يېڭىدىن بازارغا سالغان ئۈچ خىل ئىچىملىك مەھسۇلاتى
|