باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
غۇلجا ناھىيىسى تۇنجى قەدەمنى ئۇتۇقلۇق باستى
2008- 09- 02 15:50 تەڭرىتاغ تورى

      1 – سېنتەبىر ، 17 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى سودا يەرمەنكىسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق باشلاندى . يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلىشىپ ئىككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ،غۇلجا سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىككى تۈر بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ ، تۇنجى قەدەمنى ئۇتۇقلۇق باستى .

     غۇلجا ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى 1 – سېنتەبىر ئايرىم – ئايرىم ھالدا بېيجىڭ ‹‹ ۋەنتې›› ئۆي – زېمىن تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ۋە شەندۇڭ ئۆلكىلىك دېجۇ شەھىرى ‹‹خۇاماۋ››بىئو پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن تۈر كېلىشىمنامىسى ئىمزالىغان بولۇپ ،  5 مىليارد350 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ