|

ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويماقتا
1 – سېنتەبىر 17 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ئۈرۈمچى سودا يەرمەنكىسى داغدۇغىلىق باشلاندى . شەنشى ئۆلكىلىك ساياھەت تارماقلىرى تەشكىللىگەن ساياھەتچىلىكنى تونۇشتۇرۇش ئۆمىكى يەرمەنكە باشلانغان تۇنجى كۈنى شىنجاڭنىڭ ساياھەت ساھەسىدىكى كەسىپداشلارغا شەنشىنىڭ ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە ساياھەتچىلىك مەنبەسىنى تونۇشتۇردى ھەمدە ئىككى تەرەپ ساياھەتچىلىك مەنبەسىدىن ئورتاق بەھىرلىنىش ، يولۇچى مەنبەسىنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش ، ئۆز ئارا پايدا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ، ئىككى تەرەپ ئورتاق نەپكە ئېرىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى .

شەنشى ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى جىڭ جۈنخەي شەنشىنىڭ ساياھەتچىلىك مەنبەسىنى تونۇشتۇرماقتا
شەنشى ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى جىڭ جۈنخەينىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، شەنشى ئۆلكىسى مەملىكىتىمىزدىكى ساياھەت مەنبەسى مول رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار بۇ قېتىم شىئەن ، يەنئەن ، باۋجى قاتارلىق نۇقتىلىق ساياھەت شەھەرلىرى، مەنزىرە رايونلىرى ھەمدە ئاساسلىق ساياھەت كوپىراتىپلىرى ۋە ساياھەت مېھمانخانىلىرىنى تەشكىللەپ بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشقان .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى ھەمدە شىنجاڭدىكى ھەر قايسى چوڭ ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق سۆھبىتىگە قاتناشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ ۋېي سۆز قىلماقتا
|