باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
37 تۈردە دۇنيا رېكورتى يېڭىلاندى، 4600ئادەم/قېتىملىق دورا تەكشۈرۈشى تاماملاندى
2008- 08- 25 18:18 شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 22 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتى تەنھەرىكەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ۋېنبىڭ 22 – ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: بېيجىڭ ئو ت م ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، 21 – ئاۋغۇستقىچە 37 تۈردە دۇنيا رېكورتى يېڭىلاندى، 77 تۈردە ئو ت م رېكورتى بۇزۇپ تاشلاندى.

   بېيجىڭ ئو ت م نىڭ روھلاندۇرۇش دورىسى ئىشلىتىشكە قارشى تۇرۇش خىزمىتىمۇ ئوڭۇشلۇق ئىشلەندى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى داۋىس مۇنداق دېدى: 27 – ئىيۇل ئولىمپىك كەنتى ئېچىۋېتىلگەندىن تارتىپ 21 – ئاۋغۇستقىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 4620 ئادەم/قېتىم دورا تەكشۈرۈشى قىلدى، بۇ 3681 ئادەم/قېتىملىق سۈيدۈك تەكشۈرۈش ۋە 939 ئادەم/قېتىملىق قان تەكشۈرۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۈيدۈك تەكشۈرۈش 716 ئادەم/قېتىملىق قىزىل قان دانچىلىرىنى ھاسىل قىلغۇچى ماددىنىڭ ئاجرىتىلىشىنى تېزلىتىش بويىچە سۈيدۈك تەكشۈرۈش ۋە 471 ئادەم/قېتىملىق ئىنسانلارنىڭ ئۆسۈش ھورمونى بويىچە قان تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ