باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
يامايكا ماھىرلىرى يىنىك ئاتلېتىكا مەيدانىدىكى‹‹ئۇچار ئادەم››گە ئايلاندى
2008- 08- 25 18:14 شىنجاڭ گېزىتى

   22 – ئاۋغۇست ‹‹چاڭگا›› مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەرلەرنىڭ 4×100 مېتىرغا كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، يامايكا ماھىرلىرى يەنە بىر قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ چېمپىيون بولۇپ، يىنىك ئاتلېتىكا مەيدانىدىكى ئىسمى – جىسمىغا لايىق ‹‹ئۇچار ئادەم››لەرگە ئايلاندى.

   ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق 4×400 مېتىرغا كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش تۈرىدىكى كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە ئويلىمىغان يەردىن سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويۇپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمەسلىكى 22 – ئاۋغۇست كەچتىكى 4×400 مېتىرغا كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە قايسى كوماندىنىڭ چېمپىيون بولۇشى توغرىسىدىكى پەرەزلەرنى مۇددەتتىن بۇرۇن يوققا چىقارغانىدى. چۈنكى، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە 100 مېتىر ۋە 200 مېتىرغا يۈگۈرۈشتە ئارقا – ئارقىدىن رېكورت بۇزۇپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن بولت باشچىلىقىدىكى يامايكا كوماندىسى بىلەن تىركىشەلەيدىغان كوماندا قالمىغانىدى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ قىزىق نۇقتىسى قايسى كوماندىنىڭ چېمپىيون بولۇشىغا ئەمەس، بەلكى يامايكا كوماندىسىنىڭ ئامېرىكا كوماندىسى 16 يىلدىن بۇيان ساقلاپ كېلىۋاتقان 37 سېكۇنت 40 دەقىقىلىق دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇش – بۇزالماسلىقىغا مەركەزلەشكەنىدى. دېگەندەك، يامايكا ماھىرلىرى 37 سېكۇنت 10 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ، چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. ترىنىداد ۋە توباگو كوماندىسى بىلەن ياپونىيە كوماندىسى كۈمۈش، مىس مېدالغا ئېرىشتى. تارىختا تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن جۇڭگو كوماندىسى ماھىرلارنىڭ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكىنى قولدىن – قولغا ئۆتكۈزۈشتە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشى سەۋبلىك نەتىجىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن، يامايكا ماھىرلىرى ئەر – ئاياللارنىڭ 100 مېتىر ۋە 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە ئارقا – ئارقىدىن تۆت ئالتۇن مېدال ئېلىپ، ئامېرىكا ماھىرلىرىنىڭ ئورنىنى بېسىپ، دۇنيادىكى يېڭى ‹‹ئۇچار ئادەم››لەردىن بولۇپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلىغانىدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ