|
18 – ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا باريېردىن ئاتلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە، ئامېرىكا ماھىرلىرىدىن تايلور، كلايمېنت ۋە جېكسونلار ئايرىم – ئايرىم ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مېدالغا ئېرىشىپ، ئامېرىكا ماھىرلىرىنىڭ بۇ تۈردىكى تەڭداشسىز ئەمەلىي كۈچىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.
بۇ تۈردىكى ئالتۇن مېدالنى تالىشىش ‹‹جېڭى›› يەنىلا ئامېرىكا ماھىرلىرى بىلەن يامايكا ماھىرلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا ماھىرلىرى سەپداشلىرىنىڭ 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە كەتكۈزۈپ قويغان بوشلۇقىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن ئېلىشىپ، يامايكا ماھىرلىرىغا قىلچە پۇرسەت بەرمىدى. ئاخىرىدا تايلور 47 سېكۇنت 25 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن بۇ تۈردىكى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
|