|
بېيجىڭ ئو ت م نىڭ يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابقسىدە، كارب دېڭىزىدىكى كىچىك دۆلەت يامايكىدىن كەلگەن ماھىرلار ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە، ئامېرىكا ماھىرلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى مونوپوللۇق ئورنىغا خاتىمە بېرىپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
17 – ئاۋغۇست ‹‹چاڭگا›› مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەرلەرنىڭ 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، يامايكا ماھىرى بولت توققۇز سېكۇنت 69 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى ۋە بۇ تۈردىكى دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز يۈگۈرەيدىغان ئادەمگە ئايلاندى. ئەگەر ئۇ ئاخىرقى پەللىگە ئاز قالغاندا قەدىمىنى بىر ئاز ئاستىلىتىۋالمىغان بولسا، نەتىجىسىنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن ئىدى. بولت يەنە 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىگىمۇ قاتنىشىدۇ.
18 – ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللارنىڭ 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، يامايكىلىق ئۈچ ماھىر ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مېدالغا ئېرىشىپ، بۇ تۈردە ئالتۇن مېدالنى ئىزچىل قولدىن بەرمەي كېلىۋاتقان ئامېرىكا ماھىرلىرىنىڭ مېدال ئېلىش ئارزۇسىنى بىراقلا يوققا چىقاردى. فلىز ئون سېكۇنت 78 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن ئالتۇن مېدالغا، سەپدىشى شېمپسون بىلەن ستورت كۈمۈش ۋە مىس مېدالغا ئېرىشتى.
|