باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
جۇڭگو شىنجاڭلىق بوكس ماھىرى ئو ت م دا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى
2008- 08- 15 12:36 شىنجاڭ گېزىتى

 قانات ئىسلام سەككىز كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىردى

   14 – ئاۋغۇست، شىنجاڭلىق ماھىر قانات ئىسلام كامېرون ماھىرى يۇسۇف مۇلەيما بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۆزىنى سالماق تۇتۇپ، ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ، ئاخىرىدا 4 كە قارشى 9 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ، سەككىز كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىردى. بۇ ھازىرغىچە، شىنجاڭلىق بوكس ماھىرلىرىنىڭ ئو ت م دا قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ ياخشى نەتىجىسى.

   قانات ئىسلامنىڭ 14 – ئاۋغۇستتىكى رەقىبى ئافرىقا چېمپىيونى بولۇپ، ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك. بوي ئېگىزلىكى 1.91 مېتىر كېلىدىغان بۇ ماھىر بوي ئېگىزلىكىدىن پايدىلىنىپ، مۇسابىقە باشلىنىپلا ئارقا – ئارقىدىن ئىككى نومۇر ئالدى. بىراق 2 گە قارشى 0 نومۇر بىلەن ئارقىدا قېلىش ۋەزىيىتى قاناتنىڭ ئىرادىسىگە تەسىر كۆرسىتەلمىدى. ئۇ ھۇجۇم بىلەن مۇداپىئەگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، چېكىنىپ تۇرۇپ ھۇجۇم قىلدى، رەقىبى يېقىنلاپ كەلگەندە دەرھال ئۇدۇل مۇشت ئېتىپ، نومۇرنى تەڭلەشتۈردى، 1 – كونتېر 3:3 نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتى. 2 – كونتېر باشلىنىشى بىلەنلا، قانات ئىسلام رەقىبىنىڭ ئاجىزلىقىنى تۇتۇۋېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئارقا – ئارقىدىن ئۈچ نومۇر ئالدى. قانات ئىسلام قاتتىق مۇداپىئە قىلغانلىقتىن، كامېرون ماھىرىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن قىلغان ھۇجۇمى ئۈنۈم بەرمىدى، ئۇ 2 – كونتېردا بىرمۇ نومۇرغا ئېرىشەلمىدى. 3 – كونتېر ۋە 4 – كونتېردا، قانات ئىسلام نومۇر ئېلىشقا ئالدىراۋاتقان رەقىبى ئالدىدا سالماق بولۇپ، مول تەجرىبىسىگە ئاساسەن، مۇسابىقە ۋەزىيىتىنى ئىزچىل كونترول قىلدى. ئۇ ھۇجۇم رىتىمىنى ئاستىلىتىپ، ھالسىرىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق رەقىبىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئۇنىڭغا پۇرسەت بەرمەي، ئاخىرىدا 4 كە قارىشى 9 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلىپ، سەككىز كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىردى. 2004 – يىلىدىكى ئافېنا ئو ت م دا قانات ئىسلام سەككىز كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىرىش جېڭىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانىدى. 14 – ئاۋغۇست ئۇ ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئو ت م دىنمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى.

   17 – ئاۋغۇست، قانات ئىسلام باھامادىن كەلگەن ماھىر تۇرېنو جونسون بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ ماھىر ئىلگىرى بوكس تەنھەرىكىتى راۋاجلانغان كۇبادا مەشىقلەنگەن بولۇپ، 2004 – يىللىق ئو ت م غا قاتناشقان، ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك ماھىر. مۇخبىر ئالدىنقى كۈنىدىكى مۇسابىقىدە ئېگىزلىكى 1.63 مېتىر كېلىدىغان بۇ باھاما ماھىرىنىڭ تېز ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى، قوزغىلىش كۈچىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇمۇ ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ئىككىلىسىدە غەلىبە قىلغان.

   قانات ئىسلام سالماقلىق بىلەن: مەن ئەمەلىي كۈچۈمگە ئىشىنىمەن، دېدى. ئابلىكىم ئابدۇرېشىت مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى كۈندە، بۇ ماھىرنىڭ ئالدىنقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىكى ئەھۋالى بىلەن ياخشى تونۇشۇپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا مۇسابىقە لايىھىسى تۈزۈپ چىقىش كېرەك.

   شىنجاڭلىق باشقا ئىككى بوكس ماھىرى شاللىنىپ كەتكەنلىكتىن، ئو ت م دا مېدال ئېلىش ۋەزىپىسى قانات ئىسلامنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن. ئۇ بېسىم توغرىسىدا كۈلۈپ تۇرۇپ: بېسىم ئەلۋەتتە بار، بىراق مەن بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچگە ئايلاندۇرىمەن، دېدى. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ