باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
جۇڭگو كوماندىسى‹‹ئۈچ چوڭ توپ››تۈرىدە ئوخشىمىغان تەقدىرگە دۇچ كەلدى
2008- 08- 14 10:19 شىنجاڭ گېزىتى

   ‹‹ئۈچ چوڭ توپ›› (پۇتبول، ۋاسكېتبول، ۋالىبول) ئو ت م دا كىشىلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان مۇسابىقە تۈرى. بېيجىڭ ئو ت م باشلانغاندىن بۇيان، جۇڭگو كوماندىسى بۇ تۈرلەردە ئوخشىمىغان تەقدىرگە دۇچ كەلدى.

   جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى تۇنجى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، يېڭى زېلاندىيە كوماندىسى بىلەن 1:1 بولۇپ تەڭلىشىپ قالغاندىن كېيىن، 11 – ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن 2 – مەيدان مۇسابىقىدە 2:0بىلەن بېلگىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدى. جۇڭگو كوماندىسى 13 – ئاۋغۇست ئۇدا ئىككى مەيدان غەلىبە قىلىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن گۇرۇپپىدىن تاللىنىپ چىققان كۈچلۈك برازىلىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، يەڭگەن تەقدىردىمۇ، بېلگىيە كوماندىسى يېڭى زېلاندىيە كوماندىسىنى يېڭىۋالسا، ئوخشاشلا گۇرۇپپىدىن تاللىنىپ چىقالمايدۇ.

   جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسى 12 – ئاۋغۇست 0:2 نەتىجە بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسىنى يېڭىپ، ئىككى مەيدان يېڭىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، يەتتە نومۇر بىلەن گۇرۇپپا بويىچە 1 – بولدى. ئۇلار چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ياپونىيە ئاياللار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

   جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 12 – ئاۋغۇست دۇنيا چېمپىيونى ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقە ئاخىرلاشقىچە نومۇردا ئىزچىل ئالدىدا تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەھۋالدا، ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردا ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ قالالماي، رەقىبى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. قوشۇپ بېرىلگەن بەش مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە، جىسمانىي كۈچى خوراپ كېتىش سەۋەبلىك 85:75 بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى. جۇڭگو كوماندىسىدىكىلەرنىڭ دۇنيا چېمپىيونى بىلەن ئاخىرغىچە تىركىشىپ، تاماشىبىنلارغا يۇقىرى سەۋىيىلىك بىر مەيدان مۇسابىقە تەقدىم قىلغانلىقى ھەممەيلەننىڭ قىزغىن ماختىشىغا ئېرىشتى. ھازىرغىچە جۇڭگو كوماندىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئىككى مەيدان يېڭىلىپ قالدى.

   جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى تۇنجى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، 64:67 نەتىجە بىلەن ئىسپانىيە كوماندىسىنى يەڭگەندىن كېيىن، 2 – مەيدان مۇسابىقىدە، 108:63 بىلەن كۈچلۈك ئامېرىكا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

   جۇڭگو ئەرلەر ۋالىبول كوماندىسى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە 3:1 بىلەن بۇلغارىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، 12 – ئاۋغۇست 2:3 نەتىجە بىلەن ۋېنېسۇئېلا كوماندىسىنى يەڭدى، جۇڭگو كوماندىسىكى ياش ماھىرلارنىڭ ئىپادىسى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

   جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى جۇڭگونىڭ ‹‹ئۈچ چوڭ توپ›› تۈرىدىكى ‹‹كوزىر›› كوماندا بولۇش سۈپىتى بىلەن گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، 0:3 نەتىجە بىلەن ۋېنېسۇئېلا كوماندىسىنى، 1:3 نەتىجە بىلەن پولشا كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۇدا ئىككى مەيدان غەلىبە قىلدى. 2004 – يىلىدىكى ئافىنا ئو ت م نىڭ چېمپىيونلۇق سالاھىيىتى بىلەن مۇسابىقىگە قاتنىشۋاتقان جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ھازىرغىچە ئوينىغان مۇسابىقىلەردە سەۋىيىسىنى نورمال جارى قىلدۇردى. ماھىرلار بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردە سەۋىيىسىنى نورمال جارى قىلدۇرالىسا، بۇ قېتىممۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ، جۇڭگونىڭ ‹‹ئۈچ چوڭ توپ›› كوماندىسى ئىچىدىكى نەتىجىسى ئەڭ ياخشى كوماندا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ