باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
نۇرغۇن داڭلىق ماھىر تارتقان جاپاسىنىڭ ھالاۋىتىنى كۆردى
2008- 08- 13 10:16 شىنجاڭ گېزىتى

   قاتمۇقات ئەگر – توقايلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، چېن يەنچىڭ، جاڭ شياڭشياڭ، لىن يۆ، خو لياڭ قاتارلىق بىر تۈركۈم داڭلىق ماھىرلار ئاخىرى ئو ت م نىڭ مۇكاپاتلاش سۇپىسىغا چىقتى. ئەرلەر ئوقيا كوماندىسى مىس مېدالغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بۇنىڭمۇ ئەھمىيىتى زور. چېمپىيونلۇقنى ساقلىماقچى بولغان جۇ چىنەن پسىخىكا ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەي ئۇتتۇرۇپ قويدى. ئاياللار پەي توپ قوش ئويناش تۈرىدىكى 1 – نومۇرلۇق ماھىر ياڭ ۋېي جاڭ جيېۋېن  ئويلىمىغان يەردىن ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلمىدى. 319 كىلوگراملىق ئومۇمىي نەتىجە بىلەن ئەرلەر شتانكا كۆتۈرۈش تۈرىنىڭ 62 كىلوگراملىقلار بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن جاڭ شياڭشياڭنىڭ ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرۈشى ئاسانغا توختىمىدى. 2003 – يىلى، بىر قېتىملىق مەشىقتە جاڭ شياڭشياڭنىڭ بېلى ئېغىر يارىلىنىپ، مۇسابىقە مەيدانىدىن ۋاقتىنچە ئايرىلىپ دەم ئېلىشقا مەجبۇر بولغانىدى. ئۇنىڭ ترېنېرى جۇ رىپىڭ: نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇ بۇ يولدا تەۋرەنمەي مېڭىپ، بۈگۈن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ ئۆز ئارزۇسىغا يەتتى، دېدى.

   ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن لىن يۆ بىلەن خو لياڭنىڭ ئەرلەرنىڭ 10 مېتىرلىق پەشتاقتىن سۇغا قوش سەكرەش تۈرى بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشىمۇ ئاسانغا توختىمىدى. 2008 – يىلى لىن يۆ نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، ئۇنىڭ بويى ئۆلچەمدىن بەش سانتىمېتىر ئېشىپ كەتكەنىدى، كۈچ جەھەتتە بولسا يېتىشەلمەيۋاتاتتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۈتكۈل تېخنىكا سىستېمىسى تەسىرگە ئۇچرىغانىدى، ئۇ ھەتتا قىيىنلىق دەرىجىسى بار ھەرىكەتلەرنى قىلالماي قالغان ئىدى. سۇغا سەكرەش كوماندىسىنىڭ يېتەكچىسى جۇ شۈخۇڭ: بۇ مەزگىل ئىنتايىن مۈشكۈل، بەرداشلىق بېرىش قىيىن بىر مەزگىل بولدى. بۈگۈن لىن يۆ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىنى نامايان قىلدى، دېدى.

   جۇڭگو ئەرلەر ئوقيا ئېتىش كوماندىسى بۈگۈن تارىخىي بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كوللىكتىپ مىس مېدالغا ئېرىشتى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇلار ئوقيا ئېتىش تۈرىدە ئو ت م نىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىپ باقمىغان ئىدى.

   جۇڭگونىڭ قارىغا ئېتىش تەنھەرىكەتچىسى جۇ چىنەن ئەرلەرنىڭ يەل مىلتىق ئېتىش مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدال ئالدى. ئۇ مۇسابىقىدىن كېيىن: مەن ھەقىقەتەن ئېغىر بېسىم ھېس قىلدىم، ئىنتايىن تەشۋىشلەندىم ۋە گاڭگىراپ قالدىم. چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلىماسلىققا تىرىشقان بولساممۇ، بۇنداق قىلىش ھەقىقەتەنمۇ تەس ئىكەن، دېدى.

   مۇسابىقىدىن ئىلگىرى نەتىجىسى ياخشى بولىدۇ، دەپ قارالغان ھەم زور ئۈمىدلەر كۈتۈلگەن  18 ياشلىق چەۋەندازلىق ماھىرى خۇا تيەن 11 – ئاۋغۇست چۈشتىن ئىلگىرى ئو ت م چەۋەندازلىق ئۈچ تۈرىنىڭ دالا مۇسابىقىسىدە، توسالغۇدىن ئاتلىق ئاتلىغاندا ئويلىمىغان يەردىن ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، بۇ نۆۋەتلىك ئو ت م نىڭ چەۋەندازلىق مۇسابىقىسىگە داۋاملىق قاتنىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولدى. چويلا توپ ماھىرى لى نا، جېڭ جيې رەقىبلىرىنى يېڭىپ، 32 كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا ئوڭۇشلۇق كىردى.

   11 – ئاۋغۇست كەچتە، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 1:3 نەتىجە بىلەن پولشا كوماندىسىنى يەڭدى، جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 108:63 بىلەن ئامېرىكا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ