باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
باشلىنىش مۇراسىمىنى تېلېۋىزوردىن كۆرگۈچىلەرنىڭ سانى جەھەتتە يېڭى رېكورت يارىتىلدى
2008- 08- 11 10:42 شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. 8 – ئاۋغۇست كەچ سائەت 8 دە، 29 – نۆۋەتلىك ئو ت م بېيجىڭدىكى دۆلەت تەنھەرىكەت مەيدانىدا داغدۇغىلىق باشلاندى، نوپۇزلۇق تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى تېلېۋىزوردىن تارقىتىش – كۆرۈش نىسبىتى جەھەتتە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان.

   تۆت سائەت داۋاملاشقان باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا زوق بېرىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، سانسىزلىغان ئائىلىنىڭ ئولىمپىك ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. مۇخبىر بىرىنچى ۋاقىتتا دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق كۆرۈش نىسبىتىنى تەكشۈرۈش ئورگىنى CSM تەشۋىقات ۋاسىتىسى تەتقىقات ئورنى بىلەن ئالاقىلىشىپ، باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ كۆرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. بۇ ئورگاننىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دەسلەپكى ستاتىستىكىدىن قارىغاندا، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا يېڭى كۆرۈش رېكورتى يارىتىلىدۇ، رەسمىي كۆرۈش نىسبىتى سانلىق مەلۇماتى ئەتە سىرتقا ئېلان قىلىنىدۇ، ئەمما باشلىنىش مۇراسىمىنى مەملىكەت بويىچە كۆرگۈچىلەرنىڭ سانىنىڭ نەچچە يۈز مىليونغا يەتكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.

   CSM تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 8 – ئاۋغۇست تاڭ سەھەرگىچە، مەملىكەت بويىچە 190 مىليون تاماشىبىن مۇقەددەس ئوتنىڭ بېيجىڭدا يەتكۈزۈلۈش ئەھۋالىنى تېلېۋىزوردىن بىۋاسىتە كۆرگەن بولۇپ، بۇ 8 – ماي 130 مىليون تاماشىبىننىڭ مۇقەددەس ئوتنىڭ جۇمۇلاڭما چوققىسىغا ئېلىپ چىقىلغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىنكى يەنە بىر كۆرۈش يۇقىرى پەللىسى ئىكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ