|
بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ جىنمىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 4 – قېتىملىق ياردەم بەرگۈچى ئورۇنلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مەشئەلنى تۇتاشتۇرۇش ئۇسۇلى بېكىتىلىپ بولدى، ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان بارلىق ئارتىس ۋە خىزمەتچىلەر 6 – ئايدا چاڭگىسىمان تەنتەربىيە مەيدانىغا كىرىپ رەپىتىس قىلىدۇ. 7 – ئاينىڭ 10 – كۈنى، ئارتىس ۋە خىزمەتچىلەر ئېچىلىش مۇراسىمىدا كۆرسىتىلىدىغان نومۇرلارنى رەپىتىس قىلىدۇ، يەنى ئېچىلىش مۇراسىمىدا كۆرسىتىلىدىغان نومۇرلارنى تولۇق رەپىتىس قىلىدۇ، كېيىن رەپىتىس قىلىش ئۈزلۈكسىز تەكرار داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى تۆتكە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇدا ئۈچ يېرىم سائەت داۋاملىشىدىكەن، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مەشئەلنى تۇتاشتۇرۇش ۋاقتى شۇ كۈنى سائەت 23تىن 30 مىنۇت ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن، مەشئەلنىڭ قانداق تۇتاشتۇرۇلىدىغانلىقى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى كۈنى ئاندىن ئاشكارىلىنىدىكەن. ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ باش رېژىسسورى جاڭ يىمۇ: كۆپچىلىكنى نا ئۈمىدتە قويمايمەن، بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى مەشئەلنى تۇتاشتۇرۇش كۆرۈنۈشى 1992 – يىلىدىكى بارسىلونا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى مەشئەلنى ئوقيا بىلەن تۇتاشتۇرۇشتىنمۇ قىزىقارلىق بولىدۇ، دېدى.
‹‹جۇڭگو تەرمىلەر گېزىتى›› دىن
|