|
1978 – يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئافىنادا ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق يىغىنىدا لوس –ئانژېلىس رىقابەتچى يوق ئەھۋالدا 23 – نۆۋەتلىك ئو ت م نى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. لوس –ئانژېلىس شەھىرىدە 1932 – يىلى 10 – نۆۋەتلىك ئو ت م ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 52 يىلدىن كېيىن، ئولىمپىكنىڭ مۇقەددەس ئوتى بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم تۇتاشتۇرۇلغان، بۇنىڭ بىلەن لوس – ئانژېلىس پارىژ، لوندوندىن كېيىن ئىككى قېتىم يازلىق ئو ت م ئۆتكۈزگەن 3 – شەھەر بولۇپ قالغان.
1984 – يىلى 28 – ئىيۇل شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 4تىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، ئو ت م لوس – ئانژېلىس خاتىرە تەنتەربىيە مەيدانىدا رەسمىي باشلانغان، سائەت 7دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى رېگان ئو ت م نىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغان. 1904 – يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكا تۆت نۆۋەت(1932 – يىلى، 1980 – يىلىدىكى قىشلىق ئو ت م)، (1904 – يىلى، 1932 – يىلىدىكى يازلىق ئو ت م) ئو ت م ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، بۇ نۆۋەتلىك ئو ت م نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۇنجى قېتىم زۇڭتۇڭ قاتناشقان.
بۇ نۆۋەتلىك يازلىق ئو ت م لوس – ئانژېلىسنىڭ ئالتۇن پەسلى 28 – ئىيۇلدىن 12 – ئاۋغۇستقىچە ئۆتكۈزۈلگەن. ئەينى چاغدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 159 ئەزاسى بولۇپ، مۇسابىقىگە 140 دۆلەت ۋە رايون قاتناشقان، بۇنىڭ بىلەن بۇ نۆۋەتلىك ئو ت م نىڭ كۆلىمى ئىلگىرىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئو ت م نىڭكىدىن زور بولغان. ئافغانىستان، ئالبانىيە، بۇلغارىيە، چاۋشيەن، كۇبا، ئېفىئوپىيە، ۋېنگرىيە، ئىران، لائوس، موڭغۇلىيە، پولشا، دېموكراتىك گېرمانىيە، چېخسلوۋاكىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ۋيېتنام، دېموكراتىك يەمەن، لىۋىيە، ئانگولا، يۇقىرى ۋۇلتا قاتارلىق دۆلەتلەر بايقۇت قىلىش ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ نۆۋەتلىك ئو ت م گە قاتناشمىغان.
بۇ نۆۋەتلىك ئو ت م گە 6797 تەنھەرىكەتچى قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1567 ئايال تەنھەرىكەتچى بار. بۇ نۆۋەتلىك ئو ت م ئۆتكەن ھەر قايسى نۆۋەتلىك ئو ت م گە سېلىشتۇرغاندا قاتناشقان تەنھەرىكەتچى سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر نۆۋەتلىك ئو ت م بولغان. ساھىبخانا دۆلەتتىن مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، جەمئىي 622 تەنھەرىكەتچى قاتناشقان؛ كانادادىن مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر 483 بولۇپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئىتتىپاق گېرمانىيىسىدىن مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر 444 بولۇپ، 3 – ئورۇندا تۇرغان. جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتى بۇ نۆۋەتلىك ئو ت م گە زور تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ قاتناشتۇرغان. 52 يىلنىڭ ئالدىدا، كونا جۇڭگو 10 – نۆۋەتلىك ئو ت م گە تۇنجى قېتىم قاتناشقان بولۇپ، شۇ نۆۋەتلىك ئو ت م مۇ لوس – ئانژېلىستا ئۆتكۈزۈلگەن. ئەينى چاغدىكى ئو ت م گە ليۇ چاڭچۈن يالغۇز قاتناشقان. ئەمما بۇ قېتىم تەنھەرىكەتچى 255كە يېتىپ، پۇتبول، خوككېي توپى، بوكس، چەۋەندازلىق، زامانىۋى بەش تۈرلۈك تەنھەرىكەتتىن باشقا 16 چوڭ تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان. جۇڭگو تەيبېي ئولىمپىك كومىتېتىمۇ 67 تەنھەرىكەتچى ئەۋەتىپ، يېنىك ئاتلېتىكا، سۇ ئۈزۈش، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش قاتارلىق مۇسابىقە تۈرلىرىگە قاتناشتۇرغان. بۇ دېڭىز بۇغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ يازلىق ئو ت م دە تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى.
29 – ئىيۇل جۇڭگونىڭ قارىغا ئېتىش ماھىرى شۈ خەيفېڭ جۇڭگو 1932 – يىلى ئو ت م گە قاتناشقاندىن بۇيانقى تۇنجى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن، شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر قايسى تۈرلەردە ئالتۇن مېدال ئېلىش رىقابىتى كەسكىنلىشىپ كەتكەن.
23 – نۆۋەتلىك ئو ت م نىڭ ئولىمپىك مەشئىلى 12 – ئاۋغۇست شاد – خۇراملىق، دوستلۇق كەيپىياتى ئىچىدە ئۆچۈرۈلگەن. ساھىبخانا دۆلەت ئامېرىكا ئو ت م گە قاتناشقاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئەڭ كۆپ مېدالغا ئېرىشكەن بولۇپ، جەمئىي 83 ئالتۇن، 61 كۈمۈش، 30 مىس مېدالغا ئېرىشكەن؛ رۇمىنىيىمۇ تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 20 ئالتۇن، 16 كۈمۈش، 17 مىس مېدالغا ئېرىشىپ ئىككىنچى بولغان؛ ئىتتىپاق گېرمانىيىسى 17 ئالتۇن، 19 كۈمۈش، 23 مىس مېدالغا ئېرىشىپ ئۈچىنچى بولغان؛ جۇڭگو كوماندىسى 15 ئالتۇن، سەككىز كۈمۈش، توققۇز مىس مېدالغا ئېرىشىپ، ئالتۇن مېدال سانى بويىچە 4 – ئورۇندا تۇرغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|