|
29 – نۆۋەتلىك ئو ت م بۇ يىل 8 – ئايدا پايتەختىمىز بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئو ت م نىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن جۇڭگودا، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدا ئولىمپىك قىزغىنلىقى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. ئۇنداقتا ئو ت م قانداق بارلىققا كەلگەن؟ ھازىرغىچە بولغان تەرەققىيات ئەھۋالى قانداق؟ تۆۋەندە ئوقۇرمەنلەرگە بۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بەرمەكچىمەن.
قەدىمكى گرېتسىيە ئەپسانە، رىۋايەتكە تولغان دۆلەت. كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان ئەپسانە، ھېكايىلەر ۋە ئەگرى – توقاي ۋەقەلىكلەرگە تولغان ئەل ئىچى رىۋايەتلەر قەدىمكى ئو ت م نىڭ مەيدانغا كېلىش تارىخىغا سىرلىق مەزمۇنلارنى قوشقان. قەدىمكى ئو ت م نىڭ مەيدانغا كېلىش ھەققىدىكى رىۋايەتلەر ئىچىدە ‹‹پروپىسنىڭ ئۆيلىنىشى›› دېگەن رىۋايەت بىر قەدەر كەڭرەك تارقالغان. قەدىمكى گرېتسىيىنىڭ ئىلىس ئىسىملىك بىر پادىشاھى ئامراق قىزىغا قەلەمدىمۇ، ئەلەمدىمۇ كامالەتكە يەتكەن بىر يىگىت تاللىماقچى بولۇپ، ئەل ئىچىگە قىزىغا ئۆيلەنمەكچى بولغانلارنىڭ ئۆزى بىلەن جەڭگە چۈشۈشىنى مۇراجىئەت قىپتۇ. نەتىجىدە 13 يىگىت پادىشاھنىڭ قىلىچى ئاستىدا جېنىدىن ئايرىلىپتۇ. 14 – بولۇپ مەيدانغا چىققان پروپىس ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇدرىتىگە تايىنىپ پادىشاھنى يېڭىۋاپتۇ. پادىشاھ ۋەدىسى بويىچە قىزىنى بۇ يىگىتكە ياتلىق قىپتۇ ۋە كاتتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ، توي مۇراسىمىدا چېلىشىش، جەڭ ھارۋىسى چاپتۇرۇش قاتارلىق مۇسابىقىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپتۇ. كېيىنچە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇسابىقىلەر دائىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپتۇ. بۇ ئىش قەدىمكى ئو ت م نىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئاساس سالغان.
قەدىمكى ئو ت م نىڭ بارلىققا كېلىشىدە يەنە بىر رىۋايەت بار: مىلادىدىن بۇرۇنقى 9 – ئەسىردە گرېتسىيىدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغان، ئەينى ۋاقىتتىكى پادىشاھ ئىپتىخوس قول ئاستىدىكى بىر ۋەزىردىن: قانداق قىلغاندا ئىچكى ئۇرۇشنى تۈگەتكىلى بولىدۇ؟ دەپ سورىغان. ۋەزىر پادىشاھقا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭ بىلەن پادىشاھ مەملىكەت مىقياسىدا ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان، مۇسابىقە مەزگىلىدە ئۇرۇشۇۋاتقان تەرەپلەر ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلغان. بۇ مۇسابىقە بارا – بارا كېڭىيىپ، قەدىمكى ئو ت م نىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس سالغان.
قەدىمكى ئو ت م نىڭ بارلىققا كېلىشى ئەمەلىيەتتە قەدىمكى گرېتسىيىنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مىلادىدىن بۇرۇنقى 8 – ، 9 – ئەسىرلەردە ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتى بارا – بارا پارچىلىنىپ، قۇللۇق جەمئىيەت شەكىللىنىشكە باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن قەدىمكى گرېتسىيىدە 200 نەچچە پولىس (شەھەر بەگلىكلىرى) قۇرۇلغان. پولىسلار ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈپ، بىرلىككە كەلگەن پادىشاھ بولمىغان، پولىسلار ئارا توختىماي جەڭ بولۇپ تۇرغان. پولىسلار جەڭدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئەسكەرلەرنى قاتتىق تەنتەربىيە ۋە ھەربىي مەشىققە سالغان. تەنتەربىيە مەشىقى بەدىنى قاۋۇل ئەسكەرلەرنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولۇپ قالغان. كېيىنچە كىشىلەرنىڭ تىنچلىققا بولغان ئىنتىلىشىنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇرۇشلار بارغانسېرى پەسىيىپ، ئۇرۇش ئۈچۈن مەشىق قىلغان ئەسكەرلەر ماھارەتلىرىنى تەنتەربىيە مەيدانلىرىدا كۆرسىتىشكە باشلىغان، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە قەدىمكى ئو ت م بارلىققا كەلگەن.
گرېتسىيىلىكلەر مىلادىدىن بۇرۇنقى 776 – يىلىدىن باشلاپ ئولىمپىيە دېگەن يەردە ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن، كېيىنچە بۇ مۇسابىقىنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى كېڭىيىپ، مىللىي روھنى ئىپادىلەيدىغان كاتتا مەرىكىگە ئايلانغان. مۇسابىقىدە ئاساسەن يۈگۈرۈش، بوكس، چېلىشىش، ئات بەيگىسى، جەڭ ھارۋىسى چاپتۇرۇش قاتارلىق تۈرلەر تەسىس قىلىنغان. بۇ مۇسابىقە مىلادىدىن بۇرۇنقى 776 – يىلىدىن مىلادى 394 – يىلىغىچە بولغان 1170 يىلدا جەمئىي 293 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن، مىلادى 394 – يىلى رىم ئىمپېراتۇرىسى تەرىپىدىن توختىتىۋېتىلگەن.
15 – ئەسىردىكى ئەدەبىي گۈللىنىش دەۋرىدە، نۇرغۇن ياۋروپالىق ئولىمپىك روھىنى قايتا ماختاشقا باشلىغان. ئىتالىيىلىك پارمىلىيا 1450 – يىلى قەدىمكى ئو ت م نىڭ تىنچلىق ۋە دوستلۇق روھىنى تەشەببۇس قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ گېرمانىيىلىك كودىۋوس كۆپ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، گرېتسىيىنىڭ ئولىمپىيە كەنتىدىن قەدىمكى ئو ت م گە ئائىت يادىكارلىقلارنى تاپقان. ئۇ 1852 – يىلى بېرلىندا ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئوقۇغان ھەم ئو ت م نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەن. 1875 – يىلىدىن 1881 – يىلىغىچە ئارخېئولوگلار ئولىمپىيە كەنتىدىن قەدىمكى ئو ت م گە ئائىت يەنە نۇرغۇن يادىكارلىقنى تاپقان، بۇ ئىش پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئەينى ۋاقىتتا فرانسىيىلىك مائارىپچى كوبېرتىن (1863 – 1937) ئو ت م نى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ قەدىمكى گرېتسىيىنىڭ ئو ت م نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھازىرقى زامان تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارىغان. كوپېرتىن 1892 – يىلىدىن باشلاپ پۈتۈن ياۋروپانى ئايلىنىپ ئو ت م روھىنى تەشۋىق قىلغان ھەم نۇرغۇن دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. كوبېرتىننىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1894 – يىلى 6 – ئايدا پارىژدا خەلقئارا تەنتەربىيە يىغىنى چاقىرىلغان. 6 – ئاينىڭ 23 – كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەسمىي قۇرۇلغان. يىغىندا ھازىرقى زامان تۇنجى نۆۋەتلىك ئو ت م نى 1896 – يىل 4 – ئاينىڭ 6 – كۈنىدىن 15 – كۈنىگىچە گرېتسىيىنىڭ پايتەختى ئافىنادا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان. ئەينى ۋاقىتتىكى بەلگىلىمىدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئو ت م نى ئۆتكۈزگۈچى دۆلەتنىڭ ئادىمى بولۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەچكە، گرېتسىيىلىك دېمېترىئۇس ۋىكىلاس خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك رەئىسى بولغان، كوبېرتىن باش كاتىپ بولغان.
تۇنجى نۆۋەتلىك ھازىرقى زامان ئو ت م 1896 – يىلى ئۆز قەرەلىدە ئافىنادا ئۆتكۈزۈلگەن، لېكىن كونا قاراشلارنىڭ تەسىرىدە ئاياللارنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى چەكلەنگەن. 1900 – يىلى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن 2 – نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە 11 ئايال تەنھەرىكەتچى مەردانىلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ مۇسابىقىگە قاتناشقان.
ئولىمپىك ھەرىكىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى نۇرغۇن قائىدە بېكىتىپ، ئولىمپىك ھەرىكىتىنى مۇنتىزىملاشتۇرغان. 1913 – يىلى كوبېرتىن لايىھىلىگەن بەش ھالقىلىق چەمبەرنى ئو ت م نىڭ بەلگىسى قىلىش قارار قىلىنغان، كېيىنچە مۇشۇ بەش ھالقىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن تېگى ئاق رەڭلىك بايراق ئو ت م نىڭ بايرىقى قىلىنغان، بۇ كۆك، سېرىق، قارا، يېشىل، قىزىل ھالقىلار بەش چوڭ قىتئەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. 1920 – يىلىدىكى 7 – نۆۋەتلىك ئو ت م دىن باشلاپ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تەنھەرىكەتچىلەر قەسەم بېرىدىغان بولغان، 1936 – يىلىدىكى 11 – نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىن باشلاپ، يورۇقلۇققا، دوستلۇققا، ئىتتىپاقلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش ۋە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاساسىي مەيداندا ياندۇرۇش باشلانغان، 1968 – يىلىدىكى 19 – نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىن باشلاپ، رېپىرلارنىڭ قەسەم بېرىشى يولغا قويۇلغان.
ھازىرقى زامان ئو ت م نىڭ ئۆتكۈزۈلگىنىگە 28 نۆۋەت بولدى، لېكىن ئەمەلىي ئۆتكۈزۈلگىنى 25 نۆۋەت. چۈنكى 1916 – يىلىدىكى 6 – نۆۋەتلىك مۇسابىقە 1 – دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبلىك، 1940 – يىلىدىكى 12 – نۆۋەتلىك مۇسابىقە بىلەن 1944 – يىلىدىكى 13 – نۆۋەتلىك مۇسابىقە 2 – دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبلىك ئۆتكۈزۈلمىدى، لېكىن نۆۋەت سانى ھېسابلىنىۋەردى. بۇ 25 نۆۋەتلىك مۇسابىقە ئامېرىكىدا تۆت قېتىم، فرانسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە ۋە گرېتسىيىدە ئىككى قېتىمدىن، شۋېتسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، فىنلاندىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، مېكسىكا، كانادا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، كورىيە ۋە ئىسپانىيىلەردە بىر قېتىمدىن ئۆتكۈزۈلدى.
ھازىرقى زامان ئو ت م باشلىنىپ 36 يىلدىن كېيىن، يەنى 1932 – يىلىغا كەلگەندە جۇڭگودىن ليۇ چاڭچۈن ئىسىملىك تەنھەرىكەتچى تۇنجى بولۇپ ئامېرىكىنىڭ لوس – ئانژېلىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 10 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. ئۇ ئەرلەرنىڭ 100 مېتىر ۋە 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، تەييارلىق مۇسابىقىدىلا شاللىنىپ كەتكەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو 1952 – يىلى فىنلاندىيىنىڭ خېلسىنكى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 15 – نۆۋەتلىك ئو ت م گە تەنتەربىيە ۋەكىىللەر ئۆمىكى ئەۋەتتى، لېكىن بىرىلا ئەرلەرنىڭ سۇ ئۈزۈش تۈرىگە قاتناشتى. شۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. 1979 – يىلى 11 – ئايدا جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىكى قانۇنلۇق ئورنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. 1984 – يىلى جۇڭگو تۇنجى قېتىم 225 تەنھەرىكەتچىدىن تەركىب تاپقان چوڭ كۆلەملىك تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئامېرىكىنىڭ لوس – ئانژېلىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 23 – نۆۋەتلىك ئو ت م گە قاتناشتى ھەم 15 ئالتۇن مېدال، سەككىز كۈمۈش مېدال، توققۇز مىس مېدالغا ئېرىشىپ، ئالتۇن مېدال سانىدا بىراقلا 4 – ئورۇنغا ئۆتتى. قارىغا ئېتىش تەنھەرىكەتچىسى شۈ خەيفېڭ ئەرلەرنىڭ قول تاپانچىدا ئاستا ئېتىش تۈرىدە جۇڭگو ئۈچۈن تارىختىن بۇيانقى تۇنجى ئالتۇن مېدالنى ئالدى. 1988 – يىلى كورىيىنىڭ سېئول شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 24 – نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرى بەش ئالتۇن مېدال ئېلىپ 11 –، 1992 – يىلى ئىسپانىيىنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 25 – نۆۋەتلىك مۇسابىقە ۋە 1996 – يىلى ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 26 – نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئوخشاشلا 16 ئالتۇن مېدال ئېلىپ 4 – ، 2000 – يىلى ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنىي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 27 – نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە 28 ئالتۇن مېدال ئېلىپ 3 – ، 2004 – يىلى گرېتسىيىنىڭ ئافىنا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 28 – نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە 32 ئالتۇن مېدال ئېلىپ 2 – ئورۇندا تۇردى. بۇ يىل 8 – ئايدا پايتەختىمىز بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 29 – نۆۋەتلىك ئو ت م دە ئېلىمىز تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجە قازىنىشىدىن ئۈمىد زور.
بېيجىڭ شەھىرى تۇنجى قېتىمدا 2000 – يىللىق ئو ت م نى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغانىدى. لېكىن 1993 – يىللىق خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ يىغىنىدىكى بېلەت تاشلاشتا ئىككى بېلەت كەم قېلىپ (45 كە قارشى 43) سىدنىيغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. كېيىن جۇڭگو 2008 – يىللىق ئو ت م نى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلدى. 2001 – يىل 7 – ئاينىڭ 23 – كۈنى موسكۋادا ئېچىلغان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا، بېيجىڭ شەھىرى 2 – قېتىملىق بېلەت تاشلاشتىلا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن رەقىبلىرى تورونتو، پارىژ، ئىستامبول، توكيولارنى يېڭىپ، 29 – نۆۋەتلىك ئو ت م نى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. بېيجىڭ ئو ت م دە 28 چوڭ تۈر، 302 كىچىك تۈر، 303 ئالتۇن مېدال تەسىس قىلىندى.
|