باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئولىمپىك مەشئىلى يەتكۈزۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان ئوقۇغۇچى —ھېيتباي تاشبىك
2008- 06- 06 16:21 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ‹‹مەن مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولدۇم! مەن مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولدۇم!›› ھېيتباي تاشبىك ئۆزىنىڭ 2008–يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى يەتكۈزگۈچى بولۇپ تاللانغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، قاتتىق ھاياجانغا چۆمگەنىدى.

    — ئاتا–ئانام مېنىڭ مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولۇپ تاللانغانلىقىمنى ئاڭلاپ يىغلاپ كەتتى، ئۇلار مەندىن پەخىرلەندى،– دېدى ھېيتباي تاشبىك.

     تاجىك مىللىتىدىن بولغان ھېيتباي تاشبىك تاشقورغان ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3– يىللىق 2–سىنىپ ئوقۇغۇچىسى.

     — ھېيتباي ناھايىتى تىرىشچان بالا، 2008– يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى يەتكۈزگۈچى بولۇپ تاللانغانلىقى ئۇنىڭغا زور ئىلھام بولدى، ھازىر تېخىمۇ قېتىرقىنىپ ئوقۇۋاتىدۇ،– دېدى ھېيتباي تاشبىكنىڭ دادىسى.

      ھېيتباي نۇرغۇن قېتىم مەكتەپ، ناھىيە ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹ئۈچتە ياخى ئوقۇغۇچى››، مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرى بولۇپ باھالاندى. ئۇنىڭدىن باشقا ھېيتباي تاشبىك تۈرلۈك زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

    ھېيتباي تاشبىك مۇنداق دېېدى: بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈشكە ئايلاندى، ھازىر مەن تولۇق 3–يىللىقتا ئوقۇۋاتىمەن، نىشانىم ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ، تېخىمۇ يىراقلارغا ئۇچۇش.  

 

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ