باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزدا ئولىمپىك مەشئىلى يەتكۈزۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان قاۋسىلقان مەدۇقان
2008- 06- 06 16:20 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      ئۆزىنىڭ 2008–يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل يەتكۈزگۈچىسى بولۇپ تاللانغانلىقىنى ئاڭلىغان كۈندىن باشلاپ، مۇرى ناھىيىسىنىڭ جاۋ بىسەن يېزىسى خوسقۇرا كەنتى 2–مەھەللىسىدىكى قاۋسىلغان مەدۇقاننىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. ئەزەلدىن كالىندارغا قارىمايدىغان قاۋسىلغان ھازىر ھەر كۈنى دىگۈدەك كالىندارغا قارايدىغان، مەشئەل يەتكۈزۈش مېنوتلىرىنىڭ پاتراق يېتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بولدى.

    ھازىر قاۋسىلغان يايلاقنى چېنىقىش مەيدانى قىلىپ،   پادا باققاچ،يۈگۈرۈشنى مەشىق قىلماقتا، تېلېۋىزوردىن ھەر كۈنى مەشئەل يەتكۈزۈش توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرمەكتە.

    ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى يۈگۈرۈپ چېنىققاندا، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا يۈگۈرىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىمەن، ئۆزۈمنى بىر ئامەتلىك چارۋىچى ھىساپلايمەن، 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى يەتكۈزۈشتەك شەرەپنىڭ ماڭا مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدىم.

    قاۋسىلقاننىڭ دادىسى ئىپتىخارلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بىز ئاتا–بوۋىمىزدىن تارتىپ چارۋىچىلىق قىلىپ كەلگەن، بۇ جەمەتىمىزنىڭلا ئەمەس، بارلىق چارۋىچىلارنىڭ شەرىپى.

     بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن قاۋسىلغان 2000–يىلدىن باشلاپ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ كەلگەن، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۆگە چاپتۇرۇش تۈرىدە ئالتۇن مىدالغا ئېرىشكەن.  

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ