|
مېدالغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەر بولمىسۇن ياكى تاماشىبىنلار بولمىسۇن، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مۇھىم مۇراسىملارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بەلگىلىگەن قائىدە بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلدە مېدالنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ياكى ئۇ بەلگىلىگەن ۋەكىل خەلقئارالىق يەككە تۈر تەنتەربىيە بىرلەشمىسى رەئىسىنىڭ ھەمرالىقىدا تارقىتىلىدۇ. مۇمكىن بولسا ، ھەر بىر تۈردىكى مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن مۇكاپات تارقىتىلىدۇ: يەنى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەن مەيداننىڭ ئۆزىدىلا، مۇسابىقىدە ئالدىنقى 3– لىككە ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەر تەنھەرىكەت كىيىمىنى كېيىپ مۇكاپات ئېلىش مۇنبىرىگە چىقىپ، رەئىس سەھنىسىگە قاراپ تۇرىدۇ. چېمپىيون تۇرىدىغان ئورۇن ئىگىزرەك بولۇپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئىسمى ئاتالغاندىن كېيىن، چېمپىيون بولغان تەنھەرىكەتچىنىڭ دۆلىتىنىڭ بايرىقى مەركىزىي بايراق خادىسىدىن چىقىرىلىدۇ، 2–، 3– بولغان تەنھەرىكەتچىنىڭ دۆلىتىنىڭ بايرىقى مەركىزى بايراق خادىسىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدىكى بايراق خادىسىدىن چىقىرىلىدۇ. چېمپىيون بولغان تەنھەرىكەتچىنىڭ دۆلىتىنىڭ دۆلەت شىئېرى ئورۇندالغاندا مېدالغا ئېرىشكۈچى بايراققا قاراپ تۇرىشى كېرەك. مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ناھايىتى دەبدەبىلىك بولۇپ، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ، نۇرغۇن تەنھەرىكەتچىلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى ئاستا- ئاستا چىقىرىلغاندا كۆز يېشىنى توختىتالماي قالىدۇ.
|