باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى قانداق ئۆتكۈزۈلىدۇ
2008- 06- 06 16:18 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇھىم تەرتىپلىرىدىن بىرى. باشلىنىش مۇراسىمىدا  تېنچلىق، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقتىن ئىبارەت ئولىمپىك روھى گەۋدىلەندۈرۈلۈپلا قالماي، يەنە مۇسابىقە ئۆتكۈزگۈچى ساھىبخان دۆلەتنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، يەرلىك  ئۆرپ- ئادىتى ۋە تەشكىللەش خىزمىتىنىڭ سەۋىيىسى نامايەن قىلىنىدۇ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىنىدىغانلىقىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. باشلىنىش مۇراسىمىدا بىر قاتار ئاساسلىق مۇراسىملار ئېلىپ بېرىلغاندىن باشقا، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كوللېكتىپ گېمناستىكا، سەنئەت نومۇرلىرىمۇ ئورۇندىلىدۇ.   

     ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا تۆۋەندىكىدەك مۇراسىملار ئۆتكۈزلىدۇ: خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇراسىمنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلايدۇ. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىلەن تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى تەنھەرىكەت مەيدانىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ساھىبخان دۆلەتنىڭ باشلىقىنى كۈتۈۋالىدۇ ھەمدە ئۇنى باشلاپ مەخسۇس ئورۇندا ئولتۇرغۇزىدۇ. گرېتسىيە بىلەن ساھىبخان دۆلەتنىڭ تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن باشقا، ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى دۆلەت تىلىنىڭ ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تېزىلىپ مەيدانغا كىرىدۇ، بىراق مەيدانغا ئەڭ ئاۋۋال گرېتسىيە تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئەڭ ئاخىردا بولسا ساھىبخان دۆلەت تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى كىرىدۇ.

    تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى مەيدانغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىلەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۆز قىلىدۇ. ساھىبخان دۆلەتنىڭ باشلىقى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلايدۇ. ئولىمپىك ناخشىسى ئورۇندىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن، ئولىمپىك بايرىقى چىقىرىلىدۇ.

    ئارقىدىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈلۈش ئارقىلىق مەيدانغا ئېلىپ كىرىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى مەشئەل يەتكۈزىدىغان  تەنھەرىكەتچى مەيداننى بىر قېتىم ئايلىنىپ يۈگۈرگەندىن كېيىن ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتىنى ياندۇرىدۇ، ئارقىدىن كەپتەر قويۇپ بېرىلىدۇ، ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايون تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بايرىقى مۇنبەرنى  يېرىم ئېلىپىس شەكلىدە ئوراپ تۇرىدۇ، مۇسابىقە ئۆتكۈزگۈچە ساھىبخان دۆلەتنىڭ بىر تەنھەرىكەتچىسى مۇنبەرگە چىقىپ، سول قولى بىلەن ئولىمپىك بايرىقىنىڭ بىر ئۇچىنى تۇتۇپ، ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ قەسەمياد قىلىدۇ. ئارقىدىنلا ساھىبخان دۆلەتنىڭ بىر رېپىرىمۇ مۇنبەرگە چىقىپ ئۇمۇ تەنھەرىكەتچىگە ئوخشاش قەسەمياد قىلىدۇ.

    ساھىبخان دۆلەتنىڭ دۆلەت شىئېرى ئورۇندالغاندىن كېيىن، بارلىق تەنتەربىيە ئۆمەكلىرى مەيداندىن چېكىنىدۇ. بۇ مۇراسىملار ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كوللېكتىپ   گېمناستىكا ياكى باشقا سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلىدۇ. بۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ئىش سىجىللىقى ئېغىر، ئۇزۇن تەييارلىق قىلىشقا توغرا كلېدىغان، خىراجەتمۇ كۆپ كېتىدىغان تۈر بولۇپ، ساھىبخان دۆلەت بىر - ئىككى يىل بۇرۇن  ئالدىن تەييارلىق قىلىشقا باشلايدۇ. باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇش- بولماسلىقى كوللېكتىپ گېمناستىكا بىلەن سەنئەت نومۇرلىرىنى ياخشى ئورۇنداش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.            

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ