|
مۇشۇ ئاينىڭ 12–كۈنى ئۆزىنىڭ 2008–يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى يەتكۈزگۈچى بولۇپ تاللانغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان سۈن جىن ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دىدى :‹‹ مەن 2008– يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى يەتكۈزگۈچى بولۇپ تاللانغاندىن كېيىن، مېنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئىشتىراك قىلىش ئارزۇيۇم رېئاللىققا ئايالاندى›› .
سۈن جىن مۇنداق دىدى: مەن مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولۇپ تاللانغانلىقىمنى ئاڭلاپ، قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتتىم، بۇ خوش خەۋەرنى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزدۈم، ئۇلار قىزغىن ئالقىشلار بىلەن مېنى تەبرىكلىدى.
سۈن جىن 2000–يىلىدىن 2004– يىلىغىچە خۇبېي خۇاڭگاڭ پېداگوگىكا ئېنىستىتوتىنىڭ ماتېماتىكا فاكولتېتىدا ئوقۇۋاتقاندا ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى›› ئىدى. ئۇ 2004– يىلى خۇاڭگاڭ پېداگوگىكا ئېنىستىتوتىنى پۈتتۈرۈپ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى ۋېنشياڭ ناھىيىلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىندى. 2005–يىلى شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايونىمىزغا مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلدى. ئۇ قەشقەر شەھەرلىك 2– ئوتتۇرا مەكتەپكە كېلىپ، تولۇق 2– يىللىق سىنىپلارغا ماتېماتىكا دەرىسى ئۆتتى ھەمدە قوشۇمچە سىنىپ مەسئۇلى بولدى. سۈن جىن بۇ مەكتەپتىمۇ ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشققا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، قەشقەر شەھەرلىك 2–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي مەكتەپ ئېمتىھان نەتىجىسىنى تارىختىكى ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيىگە يەتكۈزدى. 2007– يىلى سۈن جىن شىنجاڭنىڭ مائارىپىغا ياردەم بەرگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالاندى.
|